ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىت بىرىڭلارنىڭ چىنە-قاچىسىنى يالاپ قويسا، ئۇ چىنە-قاچا ئەڭ ئاۋۋالىدا تۇپراقتا سۈرتۈلۈش بىلەن يەتتە قېتىم يۇيۇلۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.» hedisim.com بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە «باشتىكى ياكى ئاخىرقى پاكىزلىنىشى تۇپراقتا بولۇش بىلەن» دەپ كەلگەن. (بۇلۇغۇلمەرام 8)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com