پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرەيلەن باشقا بىرىگە ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق يېرىدە ئىمام بولمايدۇ.» mujtehid.com (مۇسلىم 673)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا ئىمام بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«جامائەتكە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشىراق ئوقۇيالايدىغان كىشى ئىمام بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇشتا تەڭداش بولسا سۈننەتنى ياخشىراق بىلگۈچى ئىمام بولىدۇ. سۈننەتنى بىلىشتە تەڭداش بولسا، ئۇ ھالدا باشتىراق ھىجرەت قىلغۇچى ئىمام بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قىلىشتا ئوخشاش بولسا، باشتىراق مۇسۇلمان بولغۇچى ئىمام بولىدۇ.»(مۇسلىم 673)
فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا ئىمام بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«جامائەتكە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشىراق ئوقۇيالايدىغان كىشى ئىمام بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇشتا تەڭداش بولسا سۈننەتنى ياخشىراق بىلگۈچى ئىمام بولىدۇ. سۈننەتنى بىلىشتە تەڭداش بولسا، ئۇ ھالدا باشتىراق ھىجرەت قىلغۇچى ئىمام بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قىلىشتا ئوخشاش بولسا، باشتىراق مۇسۇلمان بولغۇچى ئىمام بولىدۇ.»(مۇسلىم 673)
بۇ ھەدىس بويىچە، ئىمام بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى تۆۋەندىكىدەك رەتكە تىزىلىدۇ.
(1) قىرائىتى ئەڭ ياخشى بولغانلار. قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئوقۇپ، ناماز فىقھىنى ئەڭ ياخشى بىلگەنلەر. قۇرئاننى مۇكەممەل ۋە گۈزەل ئوقۇيالايدىغان ئەمما نامازغا ئالاقىدار فىقھى بىلىمى تۆۋەن بىرى بىلەن، قۇرئاننى ئۆلچەملىك ئوقۇيالىسىمۇ قىرائەتتە باشتىكىگە يەتمەيدىغان، ئەمما فىقھى بىلىمى باشتىكىدىن يۇقىرى بىرى بولغان تەقدىردە كېيىنكىسىنىڭ ـــ يەنى قۇرئاننىڭ ئۆلچەملىك ئوقۇيالىسىمۇ قىرائەتتە باشتىكىسىگە يەتمەيدىغان، ئەمما فىقھى بىلىمى باشتىكىسىدىن ئۈستۈن بولغان كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشى ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى، نامازدا فىقھى ھۆكۈملەرگە بولغان ئېھتىياج گۈزەل قىرائەتكە بولغان ئېھتىياجدىن يۇقىرىدۇر. (ئەسكەرتىش: سۈرە فاتىھەنى ئۆلچەملىك ئوقۇيالايدىغان بىرى بولغانلا تەقدىردە، سۈرە فاتىھەنى ۋە باشقا سۈرىلەرنى ئۆلچەملىك ئوقۇيالمايدىغان بىرىنىڭ فىقھى بىلىمى بولغان تەقدىردىمۇ ئىماملىق قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، سۈرە فاتىھەنى ئۆلچەملىك ئوقۇش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى سۆزمەن، باشقىلارغا نىسبەتەن كىتاب ئوقۇغان، ئەمما قىرائىتى بۇزۇق بىرىنىڭ قىرائىتى جايىدا بىرىگە ئىمام بولۇشى ھارام.)
(2) سۈننەتنى بىلىشتە ئۈستۈنراق بولغانلار. قۇرئان قىرائىتىدە ئوخشاش سەۋىيەدىكى ئىككى كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يەنە بىرىگە قارىغاندا سۈننەتنى بەكراق بىلسە، ئۇ ھالدا سۈننەتنى بىلىشتە ئۈستۈنراق بولغىنى ئىمام بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەگەر قىرائەت سەۋىيىسى تەڭ بولسا، سۈننەتنى بەكراق بىلىدىغىنى (ئىمام بولىدۇ)» دېگەن.
(3) ئەگەر قىرائەتتە ۋە سۈننەتنى بىلىشتە تەڭ سەۋىيەدە بولسا، ئۇ ھالدا كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا (ياكى ھەق دىن چەكلىنىدىغان دىياردىن ھەق دىن چەكلەنمەيدىغان دىيارغا) باشتا ھىجرەت قىلغان كىشى ئىمام بولىدۇ.
(4) ئەگەر ھىجرەت جەھەتتىمۇ ئوخشاش بولسا، ئۇ ھالدا باشتا مۇسۇلمان بولغۇچى ئىمام بولىدۇ.
(5) ئەگەر يۇقارقى جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولسا، ئۇ ھالدا ياشتا چوڭراقى ئىمام بولىدۇ. چۈنكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەگەر ھىجرەتتە بىر-بىرى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئۇ ھالدا باشتا مۇسۇلمان بولغىنى ئىمام بولىدۇ» دېگەن. باشقا بىر ھەدىستە «ياشتا چوڭراقىڭلار ئىمام بولسۇن» دېگەن.
ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولسا، ئۇ ھالدا ئارىسىدا چەك تاشلىنىدۇ. چەك كىمگە چىقسا شۇ ئىمام بولىدۇ.
ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمام بولۇش ھەققى مېھماننىڭكىدىن ئۈستۈنراقتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرەيلەن باشقا بىرىگە ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق يېرىدە ئىمام بولمايدۇ.»(مۇسلىم 673) شۇنداقلا، خەلىپە ئىمام بولۇشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر. يۇقارقى ھەدىسنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر مەسجىدنىڭ دائىملىق ئىمامىنىڭ ئىمام بولۇش ھەققى باشقا بىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈن ھېسابلىنىدۇ. باشقا بىرى دائىملىق ئىمامدىن ياخشىراق قۇرئان ئوقۇيدىغان ياكى بەكراق بىلىملىك بولغان تەقدىردىمۇ دائىملىق ئىمامنىڭ ئىمام بولۇشى تېخىمۇ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «بىرەيلەن باشقا بىرىگە ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق يېرىدە ئىمام بولمايدۇ»(مۇسلىم 673) دېگەن ھەدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com