ھەدىس | ناماز ئۈچۈن قامەت ئېيتىلغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ناماز ئۈچۈن قامەت ئېيتىلغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 710) شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەرز ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلغاندا نەپلە ناماز ئوقۇغان ئادەمگە:«بامدات نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇماقچىمۇسەن؟» دېگەن. hedisim.com (مۇسلىم 711)

فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:

مۇئەززىن پەرز ناماز ئۈچۈن ئىقامەت توۋلاشقا باشلىغاندا ھەر قانداق كىشىنىڭ بىر نەپلە نامازنى باشلاپ ئۇنى ئوقۇشى ۋە جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان پەرز نامازنى ئادا قىلىشتىن ئۇزاق قېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ناماز ئۈچۈن قامەت ئېيتىلغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ.» (مۇسلىم 710) شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەرز ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلغاندا نەپلە ناماز ئوقۇغان ئادەمگە:«بامدات نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇماقچىمۇسەن؟» دېگەن.(مۇسلىم 711)

بىراق، بىر كىشى نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا مۇئەززىن قامەت توۋلاشنى باشلىسا، پەرز ناماز باشلاش تەكبىرىنىڭ پەزىلىتىگە يېتىشىش ۋە پەرز نامازغا يېتىشىش ئۈچۈن نامازنى (خۇشۇئ بىلەن) يەڭگىل ئوقۇپ تېز تاماملىۋېتىدۇ.

بەزى ئالىملارنىڭ قانائىتى بويىچە، بۇنداق كىشى ئەگەر نامازنىڭ بىرىنجى رەكئىتىنى ئوقۇۋاتقان بولسا، (جامائەتكە قېتىلىپ پەرز ناماز ئوقۇش ئۈچۈن) نامىزىنى بۇزىدۇ. ئەگەر ئىككىنجى رەكئەتنى ئوقۇۋاتقان بولسا نامازىنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇپ جامائەتكە قوشۇلىدۇ.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ