ئۆزۈرلۈك كىشىنىڭ ۋە يولۇچىنى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشى توغرىسىدىكى ھەدىس

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەبۇك غازىتىدا ئەگەر قۇياش چىڭقى چۈشتىن قايرىلىشتىن ئاۋۋال يولغا چىقسا، پېشىن نامىزىنى ئەسىر نامىزىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇيتتى. ئەگەر قۇياش چىقڭى چۈشتىن قايرىلغاندىن كېيىن يولغا چىقسا، پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن يولىنى داۋام قىلاتتى. شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى يۇقارقىدەك قىلاتتى. (ئەبۇ داۋۇد 1208؛ تىرمىزى 553؛ ئەلبانى ‹ئىراۋۇل غەلىل› 578-دە ‹سەھىھ› دېگەن) 

فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:

نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس بولغان سەپەرلەردە پېشىن نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ـــ مەيلى قايسى نامازنىڭ ۋاقتى ئىچىدە ـــ جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇستۇر. چۈنكى، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەبۇك غازىتىدا ئەگەر قۇياش چىڭقى چۈشتىن قايرىلىشتىن ئاۋۋال يولغا چىقسا، پېشىن نامىزىنى ئەسىر نامىزىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇيتتى. ئەگەر قۇياش چىقڭى چۈشتىن قايرىلغاندىن كېيىن يولغا چىقسا، پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن يولىنى داۋام قىلاتتى. شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى يۇقارقىدەك قىلاتتى. (ئەبۇ داۋۇد 1208؛ تىرمىزى 553؛ ئەلبانى ‹ئىراۋۇل غەلىل› 578-دە ‹سەھىھ› دېگەن) [جۈپلەپ ئوقۇش دېگەندە: مەسىلەن، سەپەردە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇماقچى بولغان تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇيدۇ. ھەر نامازنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئەزان توۋلىشى ئەۋزەل، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ زىكىر تەسبىھتىن كېيىن يەنە ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇپ يەنە بىر نامازنى ئوقۇيدۇ. ئەزان تولىشى مۇستەھەب، توۋلىماسلىق جائىز. ئەمما، ھەر نامازدىن ئاۋۋال تەكبىر ئوقۇشى پەرز.-تەرجىماندىن] نامازلارنى جۈپلەپ ئوقۇشتا يولنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرەر يەردە ئارام ئېلىش (ياكى بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قېلىش) پەرق يوق بولۇپ، ئىككىلى خىل ئەھۋالدا نامازلارنى جۈپلەپ ئوقۇش رۇخسەت. چۈنكى، نامازلارنى جۈپلەپ ئوقۇش يولۇچىلىق رۇخسەتلىرىدىن بىرىدۇر. بىراق، يولۇچىلىق ئەسناسىدا بىر يەردە قونغان (تۇرۇپ قالغان) كىشىنىڭ نامازلىرىنى جۈپلىمەستىن ئەسلى پېتى (ئۆز ۋاقتىدا قەسىر قىلىپ) ئوقۇشى ئەڭ ئەۋزەل. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىنادا قونغان ۋە نامازلىرىنى جۈپلىمەستىن ئوقۇغان.

مۇقىم كىشى نامازلارنى جۈپلەپ ئوقۇمىسا مۇشەققەتكە قالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇنىڭ نامازلارنى جۈپلەپ ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىدە قوقۇنچ ھالىتىدە بولمىغان ۋە يامغۇرمۇ ياغمىغان ئەھۋالدا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۈپلەپ ئوقۇغان.» يەنە بىر رىۋايەتتە «قورقۇنچ ھالىتىدە بولمىغان ۋە سەپەرگىمۇ چىقمىغان تۇرۇقلۇق» دەپ كەلگەن. (ھەر ئىككى رىۋايەتنى ئىمام مۇسلىم 705 تە نەقىل قىلغان)

بۇ ھالەتتىكى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشتا پەقەت كېسەللىك ئۆزۈرىلا قالىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىستىھازە كېسلى بولغان ئايالغا (ھەر) ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇشنى بۇيرۇغان.» ئىستىھازە بىر تۈرلۈك كېسەللىكتۇر. يۇقارقى ھەدىس سەۋەبلىك ئىبنى ئابباستىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (مەدىنىدە مۇقىم تۇرۇقلۇق) نېمە سەۋەبتىن نامازلىرىنى جۈپلەپ ئوقۇدى» دەپ سورالدى، ئۇ زات «ئۈممىتىنى قىيىنچىلىققا سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ۋەجىدىن كىشى قاچان مۇشەققەتكە ئۇچرىسا ۋە نامازلىرىنى جۈپلەپ ئوقۇش بىلەن بۇ مۇشەققەتتىن ئۆتۈپ كېتەلىسە، بۇنداق كىشىنىڭ نامازلىرىنى مۇشەققەت ھالىتىدە جۈپلەپ ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ. كېسەللىك ياكى كېسەللىكتىن باشقا ئۆزرىسىنىڭ بولۇشىنىڭ، مۇقىم ياكى يولۇچى ھالىتىدە بولۇشىنىڭ ھېچ پەرقى يوق. يولۇچىلىق ۋە كېسەللىك ھالىتىدە بولمىغان، ئەمما نامازلىرىنى جۈپلەپ ئوقۇشى دۇرۇس بولغان ئۆزرىلەر ئارىسىدا مۇنۇ ئۆزۈرلەرمۇ بار:

(1) قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك كىيىمى ھۆل بولۇپ كەتكەن ۋە بۇ ھالەتتە نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشىدا قىيىنچىلىق تۇغۇلغان ئەھۋالدا.

(2) لاي-پاتقاق سەۋەبلىك كىشىنىڭ مېڭىشتا قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى.

(3) زىيادە سوغۇق، قاتتىق شامال قاتارلىقلار سەۋەبلىك كىشىنىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان باشقا سەۋەبلەر.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ