رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە نامىزىغا بېرىش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر ئەر كىشىگە پەرزدۇر.» hedisim.com (نەسائى 1371؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3521، سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر تۈركۈم كىشىلەر يا جۈمە نامىزىنى قىلماسلىقتىن ۋاز كەچسۇن، ئۇنداق قىلمايدىكەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مۆھۈرلىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇلار غاپىللاردىن بولۇپ قالىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 865)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەرگە پەرز بولغان بىر ھەقتۇر. قۇلغا، ئايال كىشىگە، كىچىك بالىغا ۋە كېسەلگە جۈمە نامىزى پەرز ئەمەس.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1054؛ ئەلبانى «ئەلئىرۋا» 592-نومۇردا سەھىھ دېگەن)
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى، ئاندىن ئولتۇراتتى، ئاندىن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى. كىم ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتسا، يالغان ئېيتقان بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 862)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى؛ ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى بىر ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىيتتى.» hedisim.com (بۇخارى 928؛ مۇسلىم 861)
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «كىشىنىڭ نامازنى ئۇزۇن، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇشى دىننى ياخشى بىلىشىنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، نامازلىرىڭلارنى ئۇزۇن ئوقۇڭلار، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇڭلار.» hedisim.com (مۇسلىم 869)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە بېرىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ.» (ئەھمەد 1-230؛ ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇلمەرام› دا ‹(بۇ ھەدىسنىڭ) سەنەدىدە مەسىلە يوق› دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ھەمراھىڭغا ‹جىم تۇر› دېسەڭمۇ، ئورۇنسىز سۆز قىلغان بولىسەن.» hedisim.com (بۇخارى 394؛ مۇسلىم 851) يەنى، سەن قوبۇل قىلىنمايدىغان، رەت قىلىنىدىغان باتىل گەپ قىلغان بولىسەن.ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىشىلەرنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرەيلەننىڭ جامائەتنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «ئولتۇر، ئەزىيەت بېرىۋاتىسەن» دېگەن. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1118؛ نەسائى 3-103؛ ھاكىم 1-288؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھۇل ئىبنى ماجە› 916-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com