مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە نىفاسدار ئاياللار قىرىق كۈن ساقلايتتى.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 312؛ تىرمىزى 139؛ ئىبنى ماجە 648؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 1-226-دە ‹مەۋقۇف-زەئىپ› دېگەن)
فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:
ئالتىنجى مەسىلە: نىفاسنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە يۇقىرى چېكى
نىفاسنىڭ تۆۋەن چېكى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، نىفاسنىڭ تۆۋەن چېكىنى بەلگىلەيدىغان دەلىل يوق. شۇ ۋەجىدىن، بۇ ھەقتە بار بولغان ھۆكۈمگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. نىفاسنىڭ قىسقا مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىمۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىمۇ مەلۇملۇق، نىفاسنىڭ يۇقىرى چېكى قىرىق كۈندۇر.
ئىمام تىرمىزى مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئىلىم ئەھلى ئىتتىپاققا كەلگىنى شۇكى، نىفاسدار ئايال قىرىق كۈنگىچە ناماز ئوقۇمايدۇ. قىرىق كۈندىن بۇرۇن نىپاس قېنى توختىسا، غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.»
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com