شۈكۈر سەجدىسى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

 ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۇ زاتنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كەلسە، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن سەجدە قىلاتتى. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 2774؛ تىرمىزى 1578؛ ئىبنى ماجە 1394؛ تىرمىزى ‹بۇ ھەدىس ھەسەن غەرىپتۇر، بىز بۇ ھەدىسنى مۇشۇ سەنەد بىلەنلا بىلىمىز› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› 2-226-دە ‹ھەسەن› دېگەن)

فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:

بىر نېئمەتكە ئېرىشكەن، بىر يامانلىقتىن قۇتۇلغان ياكى خۇشاللىق ھېسابلىنىدىغان بىر خۇش خەۋەرگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ ـــ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغىنىدەك ـــ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۈچۈن سەجدە قىلىشى مۇستەھەب. بۇ سەجدىنى قىلىشتا (تاھارەتلىك بولۇش، جۇنۇب بولماسلىق، قىبلىگە يۈزلىنىش دېگەندەك) ھېچقانداق شەرت يوق بولسىمۇ، سەجدىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلىش تېخىمۇ پەزىلەتلىك.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۈكرى سەجدىسى قىلغان. ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۇ زاتنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كەلسە، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن سەجدە قىلاتتى. (ئەبۇ داۋۇد 2774؛ تىرمىزى 1578؛ ئىبنى ماجە 1394؛ تىرمىزى ‹بۇ ھەدىس ھەسەن غەرىپتۇر، بىز بۇ ھەدىسنى مۇشۇ سەنەد بىلەنلا بىلىمىز› دېگەن. ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› 2-226-دە ‹ھەسەن› دېگەن)

ساھابە كراملارمۇ شۈكۈر سەجدىسى قىلغان.

شۈكۈر سەجدىسىنىڭ ھۆكمى تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە قىلىنىش شەكلى تىلاۋەت سەجدىسىگە ئوخشاش.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ