ساھابە ئەمر ئىبنى ئاس: مېنى قەبرىگە كۆمگەندىن كېيىن قەبرەمگە توپىنى راۋۇرۇس تاشلاڭلار. ئاندىن بىر تۆگۈنى سويۇپ بولغان مىقدارچە قەبرەمنىڭ بېشىدا تۇرۇڭلار…

ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلىدۇكى، ساھابە ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ئۆلۈم ئەسناسىدا ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: وعَنْ عَمْرِو بْنِ العاصِ قالَ لِابْنِهِ وهُوَ فِي سِياقِ المَوْتِ: إذا أنا -[٥٣٨]- مُتُّ فَلا تَصْحَبْنِي نائِحَةٌ ولا نارٌ فَإذا دَفَنْتُمُونِي فَشُنُّوا عَلَيَّ التُّرابَ شَنًّا ثُمَّ أقِيمُوا حَوْلَ قَبْرِي قَدْرَ ما يُنْحَرُ جَزُورٌ ويُقَسَّمُ لَحْمُها حَتّى أسْتَأْنِسَ بِكُمْ وأعْلَمَ ماذا أُراجِعُ بِهِ رُسُلَ رَبِّي. رَواهُ مُسلم «ئەگەر ۋاپات بولسام كەينىمدىن ۋارقىراپ جارقىرىماڭلار، ئوت ياقماڭلار. مېنى قەبرىگە كۆمگەندىن كېيىن قەبرەمگە توپىنى راۋۇرۇس تاشلاڭلار. ئاندىن بىر تۆگۈنى سويۇپ بولغان مىقدارچە قەبرەمنىڭ بېشىدا تۇرۇڭلار، بۇ ئارقىلىق تەسەللىي تاپاي ۋە (بۇ ئەسنادا) رەببىمنىڭ ئەلچىلىرىگە (يەنى ئىككى پەرىشتىگە) قانداق جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋالاي.» mujtehid.com (مۇسلىم 121؛ مىشكات 1716)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ