سەھىھۇل بۇخارى: باب — ئۆلۈكنىڭ (قەبرە بېشىدىن قايتقۇچىلارنىڭ) ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: العَبْدُ إذا وُضِعَ فِي قَبْرِهِ، وتُوُلِّيَ وذَهَبَ أصْحابُهُ حَتّى إنَّهُ لَيَسْمَعُ قَرْعَ نِعالِهِمْ، أتاهُ مَلَكانِ، فَأقْعَداهُ، فَيَقُولاَنِ لَهُ: ما كُنْتَ تَقُولُ فِي هَذا الرَّجُلِ مُحَمَّدٍ ﷺ؟ فَيَقُولُ: أشْهَدُ أنَّهُ عَبْدُ اللَّهِ ورَسُولُهُ، فَيُقالُ: انْظُرْ إلى مَقْعَدِكَ مِنَ النّارِ أبْدَلَكَ اللَّهُ بِهِ مَقْعَدًا مِنَ الجَنَّةِ، قالَ النَّبِيُّ ﷺ:»فَيَراهُما جَمِيعًا، وأمّا الكافِرُ – أوِ المُنافِقُ – فَيَقُولُ: لاَ أدْرِي، كُنْتُ أقُولُ ما يَقُولُ النّاسُ، فَيُقالُ: لاَ دَرَيْتَ ولاَ تَلَيْتَ، ثُمَّ يُضْرَبُ بِمِطْرَقَةٍ مِن حَدِيدٍ ضَرْبَةً بَيْنَ أُذُنَيْهِ، فَيَصِيحُ صَيْحَةً يَسْمَعُها مَن يَلِيهِ إلّا الثَّقَلَيْنِ«كىشى قەبرىگە قويۇلۇپ، قەبرىگە كەلگەنلەر ۋە يېقىنلىرى قايتىپ ماڭغاندا، قەبرىدىكى كىشى ئۇلارنىڭ ماڭغان چاغدىكى ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ. قەبرىدىكى كىشىگە ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ ۋە ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا «مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھەققىدە نېمە دەيتتىڭ؟» دەيدۇ. ئۇ «مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا «دوزاختىكى جايىڭغا قارىغىن. ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى جەننەتتىكى تۇرالغۇغا ئۆزگەرتىپ بەردى» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ كىشى ھەم دوزاختىكى، ھەم جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. كاپىرغا ياكى مۇناپىققا كەلسەك، ئۇ (پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سوئالىغا) «بىلمەيمەن، مەن كىشىلەرنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش دېگەنتىم» دەيدۇ. پەرىشتىلەر «بىلمىدىڭ، بىلگەنلەرگە ئەگەشمىدىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇنى تۆمۈر توقماق بىلەن ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا ئۇرىدۇ. ئۇ شۇ دەرىجدە پەريات بىلەن ۋارقىرايدۇكى، ئۇنىڭ پەريادىنى ئىنسان بىلەن جىندىن باشقا ھەممە مەخلۇق ئاڭلايدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 1338، 1374) ئىمام ئەھمەد ئەبۇ سەئىد خۇدرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «ئەگەر رەببىڭنى ئىنكار قىلغان بولساڭ، جەھەننەمدىكى تۇرالغۇڭ مۇشۇ بولاتتى» دېيىلگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇخارىنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: خەۋەرلەر قەبردىكى سوئال-سوراقنىڭ ئەھلى قىبلىدىن سورىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنكار قىلغان كابىر قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ. ئىبنى قەييىم بۇ قاراشنى رەت قىلغان. (فەتھۇلبارى 3\481) ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ھەدىستىن چىرىلىدىغان بەزى ھۆكۈملەر: قەبرىدىكى سوئال سوراقنىڭ بۇ ئۈممەتكە خاسمۇ، ياكى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۈچۈنمۇ بولغانمۇ؟ دېگەندە، ھەدىسلەرنىڭ ئاشكارا ھۆكۈمىگە بىنائەن، قەبرىدىكى سوئال سوراقنىڭ پەقەتلا مۇشۇ ئۈممەت ئۈچۈن بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. ھاكىم تىرمىزى بۇنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەر كېلەتتى، پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلسا نىجاتلىققا ئېرىشەتتى، ئىتائەت قىلمىسا پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى تەرك ئېتەتتى، نەتىجىدە تەرك ئېتىلگۈچىلەرگە دەرھال ئازاب ئەۋەتىلەتتى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكىنىدە، ئىنسانلاردىن (ئىمان ئېيتمىغۇچىلارغا) دەرھال ئازاب بېرىشنى كۆتۈرىۋەتتى. ئىچىدە ئىنكار قىلىپ، تېشىدا مۇسۇلمانلىقىنى سۆزلىگەن (ياكى ئىپادىلىگەن) كىشىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى (دۇنيادا) قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى سوراققا تارتىش ئۈچۈن قەبرىدە ئىككى پەرىشتىنى بەلگىلىدى. بۇ ئارقىلىق ئىچكى سىرلار ئاشكارىلانماقتا، ناچارلار ياخشىلاردىن ئايرىلماقتا، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلارنى كەلىمە تەۋھىد بىلەن مۇستەھكەم قىلماقتا. زالىملارنى بولسا ئازدۇرماقتا. زەيد ئىبنى سابىتتىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ مەرفۇ ھەدىس بۇنى ئىسپاتلىماقتا:«بۇ ئۈممەت قەبرىسىدە سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) mujtehid.com (فەتھۇلبارى 3\481)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com