فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغانلارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەدىقە (زاكات) بىزگە ھالال ئەمەس؛ شۈبىھسىزكى، بىر قەۋىمنىڭ ئازادگەردىلىرى ئۇلاردىن سانىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 1650؛ تىرمىزى 652؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى تىرمىزىنىڭ؛ ھاكىم 1-404؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى ھاكىمنىڭ باھاسىغا قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ تىرمىزى› 530- دا سەھىھ دېگەن) بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر ئازاد قىلىۋەتكەن كىشىلەرگە زاكات (ۋە سەدىقە) بېرىلمەيدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بىر قەۋمنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇللىرى ـــ ئۇلار ئازادلىققا چىقارغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلاردىن سانىلىدۇ» دېگەنلىك «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھۆكۈمى قانداق بولسا، ئازادگەردىلىرىنىڭ ھۆكۈمىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. شۇ ۋەجىدىن، بەنى ھاشىم جەمەتىدىكلەر ئازاد قىلىۋەتكەن كىشىلەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com