ھەدىس | زاكات مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ نەسەبىدىن كەلگەنلەرگە ھالال ئەمەس. چۈنكى، زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر

فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق بولۇشى پەيغەمبەر سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ شان-شەرىپى يۈزىسىدىن ئۇلارغا قىلىنغان ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زاكات مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ نەسەبىدىن كەلگەنلەرگە ھالال ئەمەس. چۈنكى، زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر(مۇسلىم 1072) (بەزى ئالىملار) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىب جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ دېگەن؛ بەزى (ئالىملار) ئۇلارنىڭ يالغۇزلا بەنى ھاشىم جەمەتىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. توغرىسىكى كېيىنكى قاراشتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بەنى مۇتەللىب جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرگە زاكات بېرىش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقلا، «سەدىقە پەقەت پېقىرلارغا… بېرىلىدۇ.» (تەۋبە سۈرىسى، 60-ئايەت) ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە بەنى مۇتەللىپ جەمەتىمۇ كىرىدۇر.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ