فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:
بايلارغا ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرگە زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس.پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭدا (يەنى زاكاتتا) باينىڭ ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەققى يوق.» hedisim.com(ئەھمەد 5-362؛ ئەبۇ داۋۇد 1633؛ نەسائى 5-99؛ ئەلبانى: سەھىھ نەسائىي 2435 تە ‹سەھىھ› دېگەن) بىراق، زاكات خادىمى بىلەن قەرزار بولۇپ قالغان كىشى ـــ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ـــ باي بولغان تەقدىردىمۇ زاكات ئالسا بولىدۇ. شۇنداقلا، پۇل تاپالايدىغان كىشى ئەگەر شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۆزىنى ئاتىغان بولسا ۋە پۇل-مېلى بولمىسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىلىدۇ. چۈنكى، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر. ئەگەر، پۇل تاپالايدىغان بىر كىشى نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشنى تەرك قىلغان ئابىد كىشى بولسا، بۇنداق كىشىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىبادەتنىڭ پايدىسى ئىلىمنىڭ پايدىسىنىڭ ئەكسىچە ئىبادەت قىلغان كىشىگىلا بولىدۇ. (ئىلىمنىڭ پايدىسى بولسا ئۇنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلغۇچى ۋە شۇ ئىلىمدىن مەنپەئەتلەنگۈچى ھەممە مۇسۇلمانلارغا بولىدۇ.)