ھەدىس | بىزدىن بىرىمىز يېنىدا تۇرغان قېرىندىشى بىلەن ناماز ئوقۇۋېتىپ پاراڭلىشاتتى…

زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كنا نتكلم في الصلاة، يكلم الرجل منا صاحبه، وهو إلى جنبه في الصلاة، حتى نزلت: (وقُومُوا لِلَّهِ قانِتِينَ)» بىز (دەسلەپتە) ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە گەپ قىلىشاتتۇق. بىزدىن بىرىمىز يېنىدا تۇرغان قېرىندىشى بىلەن ناماز ئوقۇۋېتىپ پاراڭلىشاتتى. ئاقىۋەتتە «ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھۆرمەت ۋە ئىتائەت بىلەن تۇرۇڭلار» (سۈرە بەقەرە، 238) ئايىتى نازىل بولدى ۋە نامازدا جىم تۇرۇشىمىز بۇيرۇلۇپ، نامازدا گەپ قىلىشىمىز چەكلەندى. (بۇخارى 1200؛ مۇسلىم 539)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ