ھەدىس | دۇرۇس شېرىكچىلىكنىڭ پەزىلىتى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: شېرىكلەردىن بىرى ئۆزى شېرىكلەشكەن قېرىندىشىغا خىيانەت قىلمىغانلا تەقدىردە مەن بۇ ئىككى شېرىكنىڭ ئۈچىنچىسىمەن. ئەگەر، شېرىكلەردىن بىرى باشقا بىرىگە خىيانەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىمەن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 3383؛ داراقۇتنى 2910؛ ھاكىم 2\52؛ ھەدىسنى ئىمام زەھەبى ۋە مۇنزىرى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى زەئىپ دېگەن)
* شۈبىھسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە قوغدىشى كىم بىلەن بىللە بولسا، ئۇنىڭ ئىشى ئاسان، رىزقى مول، يولى توغرا بولىدۇ. (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ