ئەمر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تىبابەت ئىلىمىدە سالاھىيىتى بولماي تۇرۇپ كېسەل داۋالىغان كىشى (بۇ سەۋەبلىك بىمارغا زىيان سالغان تەقدىردە) سالغان زىياننى تۆلەيدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4586؛ ئىبنى ماجە 3466؛ نەسائى 4830؛ 99 ھەدىس 54)
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: لاياقەتلىك دوختۇر بىر داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ياكى لاياقەتلىك كەسىپ ئەھلى بىر مەشغۇلاتنى قىلىپ، نەتىجىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەي مەغلۇپ بولسا زىياننى تۆلىمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداق كەسىپ ئەھلىگە ئۇنىڭغا ئىش قىلدۇرغۇچى تەرىپىدىن شۇ مەشغۇلاتنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر. كەسىپ ئەھلىگە ئىش قىلدۇرغۇچى تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلگەن ھېچبىر ئىشتا زىياننى تۆلەش يوق. زىياننى تۆلەش رۇخسەت بېرىلمىگەن مەشغۇلات سەۋەبىدىندۇر. شۇنداقلا، ئۆزىنى كەسىپ ئەھلى كۆرسىتىپ يالغان سۆزلەپ، ئىشنى بۇزغان، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ ھۆكمىمۇ مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر. (99 ھەدىسنىڭ شەرھى، 185)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com