ھەدىس | رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ساھابىسىگە قىلغان ئۈچ تۈرلۈك نەسىھىتى

ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى كېلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ماڭا نەسىھەت قىلغايلا ۋە نەسىھەتلىرىنى قىسقا تۇتقايلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«نامازغا تۇرغىنىڭدا دۇنيادىن ۋىدالاشقۇچىغا ئوخشاش ناماز ئوقۇ. سېنى ئەتىلىككە ئۆزۈر سورىغۇزىدىغان سۆزنى قىلما. ئىنسانلارنىڭ قول-ئىلىكىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدىڭنى ئۈز.» hedisim.com (ئەھمەد 22987؛ ئىبنى ماجە 4171)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ