جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئۇن ساھابىدىن بىرى بولغان ئەبۇل ئەئۋەر سەئىد ئىبنى زەيد ئىبنى ئامر ئىبنى نۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مَن قُتِلَ دُونَ مالِهِ فَهُوَ شَهيدٌ، ومَن قُتِلَ دُونَ دَمِهِ فَهُوَ شَهِيدٌ، ومَن قتِلَ دُونَ دِينهِ فَهُوَ شَهِيدٌ، ومَن قُتِلَ دُونَ أهْلِهِ فَهُوَ شَهِيدٌ» «(مۇسۇلمانلاردىن) مېلىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگۈچى شەھىدتۇر. جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگۈچى شەھىدتۇر. دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگۈچى شەھىدتۇر. ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگۈچى شەھىدتۇر.» hedisim.com (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 1\90؛ ئەبۇ داۋۇد 4142؛ تىرمىزى 1341؛ نەسائى 4027؛ رىيازۇس سالىھىن 1356؛ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com