ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەگەر بىرى كېلىپ مېلىمنى ئېلىۋالماقچى بولسا قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇنىڭغا مېلىڭنى بەرمە» دېدى. ئۇ كىشى «(مېلىمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) مەن بىلەن ئۇرۇشسىچۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ «سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش» دېدى. ئۇ كىشى «ئۇنداقتا، ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىچۇ؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شەھىد بولىسەن» دېدى. ئۇ كىشى «ئۇنداقتا مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەمچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېدى. hedisim.com (مۇسلىم 201؛ رىيازۇس سالىھىن 1357) وعن أبي هريرة – ﵁ – قالَ: جاءَ رَجُلٌ إلى رسول الله – ﷺ – فَقالَ: يا رسولَ اللهِ، أرَأيتَ إنْ جاءَ رجلٌ يُرِيدُ أخْذَ مالِي؟ قالَ: «فَلاَ تُعْطِهِ مالَكَ» قالَ: أرَأيْتَ إنْ قاتَلَنِي؟ قالَ: «قاتِلْهُ» قالَ: أرَأيْتَ إنْ قَتَلَنِي؟ قالَ: «فَأنْتَ شَهِيدٌ» قالَ: أرَأيْتَ إنْ قَتَلْتُهُ؟ قالَ: «هُوَ فِي النّارِ». رواه مسلم.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com