ھەدىس | كىم بىر مۆمىننى ئۇنى ئەيىپلەپ-تىل سېلىۋاتقان بىر مۇناپىققا قارشى قوغدىسا

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەھل ئىبنى ئەنەس ئەل جۇھەنى دادىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَن حَمى مُؤْمِنًا مِن مُنافِقٍ يَعِيبُهُ، بَعَثَ اللَّهُ إلَيْهِ مَلَكًا يَحْمِي لَحْمَهُ يَوْمَ القِيامَةِ مِن نارِ جَهَنَّمَ، ومَن قَفّا مُسْلِمًا بِشَيْءٍ يُرِيدُ بِهِ شَيْنَهُ، حَبَسَهُ اللَّهُ عَلى جِسْرِ جَهَنَّمَ حَتّى يَخْرُجَ مِمّا قالَ) «كىم بىر مۆمىننى ئۇنى ئەيىپلەپ-تىل سېلىۋاتقان بىر مۇناپىققا قارشى قوغدىسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جىسمىنى جەھەننەم ئوتىدىن قوغدايدىغان بىر پەرىشتە ئەۋەتىدۇ. كىم بىر مۇسۇلماننى ئەيىپلەپ-قارىلاپ، ئارقىسىدىن غاجىلىسا، ئۇ قىلغان سۆزىدىن كەچۈرۈم ئالغانغا قەدەر ئاللاھ ئۇنى جەھەننەم كۆۋرۈكى ئۈستىدە تۇتۇپ قالىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 638)

– فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ