ھەدىس | كىم بىر مۆمىننى خۇش قىلسا …

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يەھيا ئىبنى ئابدۇللاھ بىزگە ھەدىس سۆزلەپ دېدىكى، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زەخر بەزى دوستلىرىنىڭ مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلىگەنلىكىنى بىزگە خەۋەر بېرىپ دېدىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَن أقَرَّ بِعَيْنِ مُؤْمِنٍ، أقَرَّ اللَّهُ بِعَيْنِهِ يَوْمَ القِيامَةِ)«كىم بىر مۆمىننى خۇش قىلسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى خۇش قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 637)

  • مۆمىننى خۇش قىلىشنىڭ مۇكاپاتى بۇنداق ئىكەن، مۆمىننى خاپا قىلىپ، كۆڭلىنى رەنجىتىپ، زۇلۇم قىلىشنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ، ئويلىنىپ بېقىڭ!
  • – فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ