ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ھىشام ئىبنىل غازىي بىر كىشىدىن، ئۇ (ساھابە) ئەبىي شەرىكتىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مِن أحَبِّ الأعْمالِ إلى اللَّهِ إدْخالُ السُّرُورِ عَلى المُسْلِمِ، أوْ أنْ تُفَرِّجَ عَنْهُ غَمًّا، أوْ تَقْضِيَ عَنْهُ دَيْنًا، أوْ تُطْعِمَهُ مِن جُوعٍ) «مۇسۇلماننى خوش قىلىش، ياكى ئۇنىڭ بىر غېمىنى يوق قىلىش، ياكى ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلىۋېتىش، ياكى ئۇ ئاچ بولسا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەردىندۇر.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 636؛ المعجم الكبير للطبراني ١١/٧١؛ المعجم الأوسط ٨/٤٥ — الطبراني)
– فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com