ھەدىس | ئىسلام ئەرلەرنى ئىشلەشكە، باشقىلارغا تاينىۋالماسلىققا، تەييارتاپ بولماسلىققا بۇيرۇيدۇ

مىقداد ئىبنى مەئدىكەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (ما أكَلَ أحَدٌ طَعامًا قَطُّ خَيْرًا مِن أنْ يَأكُلَ مِن عَمَلِ يَدِه، وإنّ نَبيَّ الله داوُدَ – ﷺ – كانَ يَأكُلُ مِن عَمَلِ يَدِهِ)«ھېچكىم ئۆز قولى ئارقىلىق ئىشلەپ تاپقىنىدىمۇ ياخشىراق بىر تائام يېگەن ئەمەس. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد (ئەلەيھىسسالام) قولىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپ تاپقىنىدىن يەيتتى.» hedisim.com (بۇخارى 2072؛ رىيازۇس سالىھىن 543)
* بۇ ھەدىس ئەرلەرگە خاس. ئاياللارنى بېقىش ئەرلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم پەرزلەردىن بىرىدۇر. بۇ ھەدىسنى سۈيئىستېمال قىلىپ، ئايال-قىزلىرىنى «ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆز قولۇڭ بىلەن تاپقىنىڭدىن خىراجەت قىل» دەپ ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغان، ئەركەكلىك نېسىۋىسىدىن مەھرۇم بېلى بوش ئەرلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئېغىر شەرمەندە بولىدۇ.

 ئاياللار زۆرۈرىيەت بولسا ھارام ۋە شۈبھىلىك مۇھتى، خىزمەتلەردىن ئۇزاق ھالدا، ھالال مۇھىتتا ھالالدىن ئىشلەپ تېپىشى دۇرۇس. بۇ ھەدىستىن تۇرمۇشتا ئايالىغا تايىنىۋالىدىغان، ئايالىنى ئىشلىگۈزۈپ قويۇپ ئۆزى يېتىۋالىدىغان، بۇ ئارقىلىق ئايال كىشىگە ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ئېغىر دەرىجىدە نومۇس باردۇر.

شۇنداقلا، قول سېلىپ ئىشلەپ، ھالالدىن كىرىم قىلىپ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى بېقىشقا ئېرىنچەكلىك قىلىدىغان ھورۇن، تەييارتاپ ئەرلەر بۇ ھەدىسنى ھەر دائىم ئەسلەپ، ئۆزىنى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ