ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېقىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەدىسلەر

ئەبۇ ئابدۇللاھ زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لأنْ يَأخُذَ أحَدُكُمْ أُحبُلَهُ ثُمَّ يَأتِيَ الجَبَلَ، فَيَأْتِيَ بحُزمَةٍ مِن حَطَب عَلى ظَهْرِهِ فَيَبِيعَها، فَيكُفّ اللهُ بِها وجْهَهُ، خَيْرٌ لَهُ مِن أنْ يَسْألَ النّاسَ، أعْطَوْهُ أوْ مَنَعُوهُ)«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاغقا بېرىشى، ئاندىن دۈمبىسىگە بىر يۈدۈم ئوتۇننى ئارتىپ ئۇنى سېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق (ئۇنى كىشىلەردىن سوراش ۋە تىلەشتىن قۇتقۇزۇپ) ئۇنىڭ شەرىپىنى قوغدىشى، بۇ كىشىنىڭ — بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغان — ئىنسانلاردىن تىلىشىدىن ياخشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1471؛ رىيازۇس سالىھىن 539)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لأنْ يَحْتَطِبَ أحَدُكُمْ حُزْمَةً عَلى ظَهْرِهِ، خَيْرٌ لَهُ مِن أنْ يَسْألَ أحدًا، فَيُعْطِيَهُ أوْ يَمْنَعَهُ)«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ دۈمبىسىگە بىر يۈدۈم ئوتۇننى توشۇپ كېلىپ، ئۇنى سېتىشى — بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغان — باشقىلاردىن سوراپ-تىلىشىدىن ياخشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1470؛ مۇسلىم 1042؛ رىيازۇس سالىھىن 540) — ھەدىس خەزىنىسى تورى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (كانَ داوُدُ – عليه السلام – لاَ يَأكُلُ إلاَّ مِن عَمَلِ يَدِهِ)«داۋۇد (ئەلەيھىسسالام) پەقەت ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ تاپاۋەت قىلغىنىدىنلا يەيتتى.» (بۇخارى 2073؛ رىيازۇس سالىھىن 541)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (كان زكريا نجارًا) «زەكەرىيا (ئەلەيھىسسالام) ياغاچچى ئىدى.» hedisim.com (مۇسلىم 2379؛ رىيازۇس سالىھىن 542)

مىقداد ئىبنى مەئدىكەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (ما أكَلَ أحَدٌ طَعامًا قَطُّ خَيْرًا مِن أنْ يَأكُلَ مِن عَمَلِ يَدِه، وإنّ نَبيَّ الله داوُدَ – ﷺ – كانَ يَأكُلُ مِن عَمَلِ يَدِهِ)«ھېچكىم ئۆز قولى ئارقىلىق ئىشلەپ تاپقىنىدىمۇ ياخشىراق بىر تائام يېگەن ئەمەس. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد (ئەلەيھىسسالام) قولىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپ تاپقىنىدىن يەيتتى.» hedisim.com (بۇخارى 2072؛ رىيازۇس سالىھىن 543)

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ