بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (ما مِن مُسْلِمَيْنِ يَلْتَقِيانِ، فَيَتَصافَحانِ، إلّا غُفِرَ لَهُما قَبْلَ أنْ يَتَفَرَّقا) «بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقىنىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىدىن ئايرىلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 5212؛ رىيازۇس سالىھىن 887؛ بەيھەقى: ئەدەب 1\89؛ مۇسنەد ئەھمەد 30\517؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبىي شەيبە 5\246؛ تىرمىزى 4\371؛ ئىبنى ماجە 2\1220؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 7\160؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 8\182؛ نۇئەيم ئىبنى ھامماد: فىتەن 2\469)
- بۇ ھەدىس دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشنىڭ پەزىلىتىگىمۇ دەلىل بولىدۇ. مەغفىرەت قىلىنىدىغىنى كىچىك گۇناھلاردۇر. چوڭ گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى سەمىمىي تەۋبىگە باغلىقتۇر.