ھەدىس | گۈزەل ئەخلاقلىق مۆمىنگە جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن يېرىدىن بىر قەسىر بېرىلىشىگە كېپىلمەن

ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزىنىڭ ھەق تۇرۇپ (باشقىسى بىلەن) تالاش-تارتىش قىلىشنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ بۇلۇڭىدىن بىر قەسىر بېرىلىشىگە كېپىلمەن. قىلغان چاقچىقىدىمۇ يالغان سۆزلەشتىن ئۇزاق تۇرغان كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر قەسىر بېرىلىشىگە كېپىلمەن. ئەخلاقى گۈزەل مۆمىن ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن يېرىدىن بىر قەسىر بېرىلىشىگە كېپىلمەن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4800؛ رىيازۇس سالىھىن 630 ؛ تەبراني: ئەلئەۋسەت 5\68) أنا زَعِيمٌ بِبَيْتٍ فِي رَبَضِ الجَنَّةِ لِمَن يَتْرُكِ المِراءَ وإنْ كانَ مُحِقًّا، وبَيْتٍ فِي وسَطِ الجَنَّةِ لِمَن تَرَكَ الكَذِبَ وإنْ كانَ مازِحًا، وبِبَيْتٍ فِي أعْلى الجَنَّةِ لِمَن حَسُنَ خُلُقُهُ — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ