ھەدىس | ئاللاھ يولىدا يارىدار بولۇشنىڭ پەزىلىتى (بۇخارى، مۇسلىم)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: كُلُّ كَلْمٍ يُكْلَمُهُ المُسْلِمُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ، ثُمَّ يَكُونُ يَوْمَ القِيامَةِ كَهَيْئَتِها إذا طُعِنَتْ تَنْفَجِرُ دَمًا، اللَّوْنُ لَوْنُ الدَّمِ، والعَرْفُ عَرْفُ المِسْكِ «مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق يارىسى قىيامەت كۈنى يېڭى يارا بولغاندىكى قان ئېتىلىپ چىقىدىغان ھالەتتە بولىدۇ. يارىنىڭ رەڭگى قان رەڭگىدە بولىدۇ، پۇرىقى مىسك پۇرايدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 237؛ مۇسلىم 3\1497؛ مۇسنەد ئەھمەد 13\523؛ مۇسەننەف ئابدۇررازاق سەنئاني 5\253؛ بەغەۋىي: شەرھۇس سۇننە 10\365؛ بەيھەقى: سۇنەن ئەسسەغير 3\414؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 9\277؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 6\100) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ