ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (إذا قامَ مِنَ اللَّيْلِ، يَشُوصُ فاهُ بِالسِّواكِ) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىسى (ئۇيقۇدىن ئۇيغۇنۇپ ناماز ئۈچۈن) قوپقىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى پاكلايتتى.» hedisim.com (بۇخارى 245؛ مۇسلىم 1\221؛ ئەبۇ داۋۇد 1\15؛ نەسائىي 1\8؛ مۇسنەد ئەھمەد؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 1\155؛ تەبرانى: مۇئجەم ئەسسەغير 2\209؛ مۇئجەم ئەلئەۋسەت 6\81؛ بەيھەقى: سۇنەن ئەسسەغير 1\41؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 1\63؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 2\183؛ مۇسنەد ھۇمەيدى 1\408؛ نەسائىي — سۇنەن كۇبرا 1\54؛ مۇسنەد بەززار 7\276؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3\353؛ )
سەھىھ ئىبنى خۇزەيمەدە (كانَ النَّبِيُّ ﷺ إذا قامَ مِنَ اللَّيْلِ لِلتَّهَجُّدِ يَشُوصُ فاهُ بِالسِّواكِ) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى پاكلايتتى» دەپ كەلگەن.
