ھەدىس | قىيامەت كۈنى بەندە ئەڭ ئاۋۋال نامىزىدىن ھېسابقا تارتىلىدۇ، نامازنىڭ ھېسابىنى بېرەلمىسىڭىز…

قىيامەت كۈنى بەندە نامىزىدىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة صلاته، فإن كان أتمها كتبت له تامة، وإن لم يكن أتمها، قال الله لملائكته: انظروا هل تجدون لعبدي من تطوع فتكملون بها فريضته؟ ثم الزكاة كذلك، ثم تؤخذ الأعمال على حسب ذلك))  «قىيامەت كۈنى بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر بەندىنىڭ نامىزى تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا تولۇق ساۋاب يېزىلىدۇ. ئەگەر نامىزى كام چىقسا، ئاللاھ تائالا (ئۆزى ياخشى بىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ) پەرىشتىلەرگە <بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمۇ، ئۇنىڭغا قاراڭلار> دەيدۇ. ئاندىن، باشقا ئەمەللىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە ھېساب ئېلىنىدۇ.»  hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2844؛ سەھىھ جامىئ‍2574)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة الصلاة: فإن صلحت صلح له سائر عمله، وإن فسدت فسد سائر عمله)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى ئېلىنىدىغان ئىش نامازدۇر. ئەگەر نامىزىنىڭ ھېسابىدىن ياخشى ئۆتەلىسە، بەندە باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ناماز ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە، باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ.» hedisim.com(جامىئۇس سەغىر 2818؛ سەھىھ جامىئ‍ 2573؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد الصلاة، وأول ما يقضى بين الناس في الدماء)) «(قىيامەت كۈنى) بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىش ناماز، ئىنسانلار ئارىىسدا تۇنجى ھۆكۈمى چىقىرىلىدىغان ئىش قان داۋاسىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2826؛ سەھىھ نەسائى 4002؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ