پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئادەم بالىسى! مەن ئاغرىپ قالدىم، مېنى يوقلاپ كەلمىدىڭ.» بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، سېنى قانداق يوقلاپ باراتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بارمىغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنى زىيارەت قىلغىنىڭدا مېنى شۇ يەردىن تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە)«ئى ئادەم بالىسى! سەندىن يەيدىغان نەرسە سورىدىم، بىراق ماڭا يېگۈزمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ تاماق يېگۈزەتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن يېمەكلىك سورىغاندا، سەن ئۇنىڭغا بەرمىگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگىنىڭدە، بۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ دەرگاھىمدا تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە) «ئى ئادەم بالىسى! سەندىن سۇ سورىدىم، ماڭا سۇ بەرمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە:«ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ سۇ بېرەتتىم؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن سۇ سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا سۇ بەرسەڭ، مېنىڭ دەرگاھىمدا بۇنىڭ ئەجرىنى تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. hedisin.com (سەھىھۇل مۇسلىم، 2569-نومۇرلۇق ھەدىس) ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: يا ابن آدم، مرضت فلم تعدني. قال: يا رب، كيف أعودك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أن عبدي فلانا مرض فلم تعده؟ أما علمت أنك لو عدته لوجدتني عنده؟ يا ابن آدم، استطعمتك فلم تطعمني. فقال: يا رب وكيف أطعمك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أنه استطعمك عبدي فلان فلم تطعمه؟ أما علمت أنك لو أطعمته لوجدت ذلك عندي؟ يا ابن آدم، استسقيتك فلم تسقني. قال: يا رب كيف أسقيك وأنت رب العالمين؟ قال: استسقاك عبدي فلان فلم تسقه؟ أما إنك لو سقيته لوجدت ذلك عندي)) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى