ھەدىس ۋە شەرھى | رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسى: ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە قەلب بايلىقى سورايمەن

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ((اللهُمَّ إنِّي أسْألُكَ الهُدى والتُّقى، والعَفافَ والغِنىَ))«ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە قەلب بايلىقىنى سورايمەن.» hedisim.com (مۇسلىم 6904؛ تىرمىزى 3489؛ ئىبنى ماجە 3832؛ مۇسنەد ئەھمەد 3684؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 29192؛ مۇسنەد ئەبۇ يەئلا 9\186؛ جامىئۇت تىرمىزى 3489؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 897؛ تەبرانى: مۇئجەم ئەلكەبىر 10096؛  تەبرانى: مۇئجەم ئەۋسەت 5882؛   مىشكات مەسابىھ 2484؛ رىيازۇس سالىھىن 1468؛ جامىئۇس سەغىر 2155؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1265)

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدىينىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن ئۈزۈندە:

ھىدايەت — پايدىلىق شەرئىي ئىلىمدۇر.

تەقۋا — سالىھ ئەمەللەرنى قىلىپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن يېنىشتۇر.

ئىپپەت ۋە قەلب بايلىقى — ئىنسانلاردىن مەنپەئەت كۆزلەشتىن ئۇزاق تۇرۇش، قەلبىنى ئىنسانلارنىڭ ئىلىكىدىكىگە كۆز تىكمەسلىك، ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزققا رازى بولۇش، ئۆزىدە بارىغا قانائەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

كىمگە ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە قەلبنىڭ بايلىقى بېرىلسە، ئۇ ئىككىلى دۇنيادا بەخىتلىك بولىدۇ، ئارزۇسىغا يېتىدە، قورقىدىغان بارچە نەرسىلەردىن قۇتۇلىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى: بهجة قلوب الأبرار وقرة عيون الأخيار)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ