ھەدىس | مەن سىلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان ئىش رىيا، يەنى كىچىك شىركتۇر

مەھمۇد ئىبنى لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِِنَّ أَخْوَفَ ما أَخَافُ عليكم الشِّرْكُ الاصْغَرُ: الرِّياءُ))«مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغان ئىش كىچىك شىرك، يەنى رىيادۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ياخشى سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان؛ مۇسنەد ئەھمەد 23630-ھەدىس، بۇلۇغۇلمەرام 1466-ھەدىس، مىشكات مەسابىھ 5334)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ