ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تۆت يامان خىسلەت باركى، كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەت تېپىلسا، ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتتىن بىرى بولسا، كىشى ئۇ يامان خىسلەتتىن قول ئۈزگەنگە قەدەر ئۆزىدە مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەتنى بار قىلغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت) ئۆزىگە بىر نەرسە ئامانەت قىلىنسا ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، سۆزلىگەندە يالغان سۆزلەش، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلماسلىق، جاڭجاللىشىپ قالسا ھەددىدىن ئېشىش (قاتارلىقلاردۇر).» hedisim.com (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58؛ تىرمىزى 2632؛ نەسائى 5020؛ ئەبۇ داۋۇد 4688؛ ئەھمەد 6729) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: أرْبَعٌ مَن كُنَّ فِيهِ، كانَ مُنافِقًا، أوْ كانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِن أرْبَعَةٍ، كانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنَ النِّفاقِ، حَتّى يَدَعَها: إذا حَدَّثَ كَذَبَ، وإذا وعَدَ أخْلَفَ، وإذا عاهَدَ غَدَرَ، وإذا خاصَمَ فَجَرَ.
مۇناپىقلىق\نىفاق ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق ۋە ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغانلار ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق بولۇپ، كىشىنى دىندىن چىقىرىپ كاپىر قىلمايدۇ.
كىشىدە ئېتىقادىي مۇناپىقلىق بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ھۆكمى كاپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇناپىقلارنى كاپىرلارنىڭ ھۆكمىدە قىلدى.» ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:«مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە جازالىنىدۇ.»