ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَن أحَبَّ أنْ يُزَحْزَحَ عَنِ النّارِ، ويُدْخَلَ الجَنَّةَ، فَلْتَأْتِهِ مَنِيَّتُهُ وهُوَ يُؤْمِنُ بِاللهِ واليَومِ الآخِرِ، ولْيَأْتِ إلى النّاسِ الَّذِي يُحِبُّ أنْ يُؤْتى إلَيْهِ)) «كىمكى دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇلىسا — ئۆلۈم ئۇنىڭغا ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھالەتتە كەلسۇن؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ياخشى كۆرسە، كىشىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن.» hedisim.com (مۇسلىم 1844، 3431؛ نەسائى 4191؛ ئەبۇ داۋۇد 4248؛ ئىبنى ماجە 3956؛ ئەھمەد 6465؛ رىيازۇس سالىھىن 1567)
- ھەدىسنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئىككىنچى جۈملىسىدە كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش مەۋجۇتتۇر. (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ)