2|2| ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ
بۇ قۇرئان (شۇنداق ئۇلۇغ كىتابكى، ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقى1) دا ھېچقانداق شەك يوقتۇر. (قۇرئان) تەقۋادارلار (يەنى پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قېلىش يولىنى تۇتقان، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويۇن ئېگىدىغان مۆمىنلەر2) ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە يول كۆرسەتكۈچى3) ھىدايەتتۇر. (ئەسلىدە قۇرئان پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئەمما، بەدبەختلەر قۇرئانغا يېتەرلىك رەۋىشتە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يول كۆرسەتكۈچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئارقىلىق، بەدبەختلەرگە قارشى دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ، ئەمما ئۇلار بەدبەختلىكلىرى سەۋەبلىك بۇ ھىدايەتتىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ.4)
مۇپەسسىر ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: تەقۋالىق — ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىپ قېلىش، دېگەنلىكتۇر. مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرئان ئارقىلىق ھىدايەت تاپىدىغان، قۇرئاندىن ئەڭ يۇقىرى رەۋىشتە مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كىشىلەردۇر5.) [1-، 2- تەپسىر مۇيەسسەر؛ 3-،4-،5- تەپسىر سەئدى]