ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيَأْتِيَنَّ هَذَا الْحَجَرُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَهُ عَيْنَانِ يُبْصِرُ بِهِمَا وَلِسَانٌ يَنْطِقُ بِهِ يَشْهَدُ عَلَى مَنْ يَسْتَلِمُهُ بِحَقٍّ))«مۇشۇ ھەجەرۇل ئەسۋەد قىيامەت كۈنى (مەشھەرگاھ مەيدانىغا) كۆرىدىغان كۆزى ۋە سۆزلەيدىغان تىلى بار ھالەتتە كېلىپ، ئۆزىگە سەمىمىيلىك بىلەن سالام بەرگۈچىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.» hedisim.com (سۇنەن ئىبنى ماجە 2400؛ ئەلبانى «سەھىھ سۇنەن ئىبنى ماجە»دە سەھىھ دېگەن؛ سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 7526، سۇيۇتى ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 5346) ھەدىس خەزىنىسى تورى