ھەدىس | كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا توغرا سۆزلۈك كىشىلەر يالغانچىغا چىقىرىلىپ، يالغانچى-كاززاپلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى توغرا دەپ بىلىنىدۇ

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيَأْتِيَنَّ عَلى النّاسِ زَمانٌ يُكَذَّبُ فِيهِ الصّادِقُ ويُصَدَّقُ فِيهِ الكاذِبُ ويُخَوَّنُ فِيهِ الأمِينُ ويُؤْتَمَنُ الخئون ويَشْهَدُ المَرْءُ ولَمْ يُسْتَشْهَدْ ويَحْلِفُ وإنْ لَمْ يُسْتَحْلَفْ ويَكُونُ أسْعَدَ النّاسِ بِالدُّنْيا لُكَعُ ابْنُ لُكَعٍ لاَ يُؤْمِنُ بِالله ورَسُولِهِ)) «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا توغرا سۆزلۈك كىشىلەر يالغانچىغا چىقىرىلىپ، يالغانچى-كاززاپلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى توغرا دەپ بىلىنىدۇ. ئىشەنچىلىك كىشىلەر خائىن، خائىن كىشىلەر ئىشەنچىلىك دەپ قارىلىدۇ. كىشىلەر قەسەم قىلىش تەلەپ قىلىنمىسىمۇ قەسەم قىلىشىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنمەيدىغان فاجىر ئىنسانلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ بەختلىكى بولىدۇ ياشايدۇ.» hedisim.com (ئىمام بۇخارى «تارىخ كەبىر»دە نەقىل قىلغان؛ ئىمام تەبرانى «مۇئجەم ئەلكەبىر»دە نەقىل قىلغان-711؛ ئىمام تەبرانى «مۇئجەم ئەلئەۋسەت» تە نەقىل قىلغان-8643؛ ئىمام سۇيۇتى «جامىئۇل ئاھادىس» تا نەقىل قىلغان-19644؛ ئەلئەزىزى «السراج المنير شرح الجامع الصغير في حديث البشير النذير» دا ئىسنادى ھەسەن دېگەن؛ مۇناۋى جامىئۇس سەغىر شەرھىدە ئىسنادى ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى زەئىپ جامىدا زەئىپ دېگەن)  ھەدىس خەزىنىسى تورى 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ