قۇرئان كەرىم 2-بەت | چۈشىنىشلىك قۇرئان تەرجىمىسى| سۈرە بەقەرە 1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە

سۈرە بەقەرە

(بەقەرە سۈرىسى مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، جەمئىي 286 ئايەتتۇر)

قۇرئان كەرىم 2-بەت (سۈرە بەقەرە 1-ئايەتتىن، 5-ئايەتكىچە)

ئاندىنقى بەت  |  كېيىنكى بەت

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

2|1| الم 

ئەلىف، لام، مىم. (بۇ ھەرپلەر ۋە سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان مۇشۇ شەكىلدىكى باشقا ھەرپلەر «مۇقەتتەئا ھەرپلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ھەرپلەر توغرىسىدا تۇتۇلىدىغان ئەڭ ساغلام يول — بۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە شەرئىي دەلىلگە تايانماي تۇرۇپ سۆز قىلماسلىقتۇر. شۇنداقلا، ئاللاھ بۇ ئايەتلەرنى بىكاردىن بىكارغا ئەمەس، بىز بىلمەيدىغان بىر ھېكمەت سەۋەبلىك نازىل قىلغانلىقىنى كەسكىن رەۋىشتە قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.-تەپسىر سەئدى)

2|2|ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ

بۇ قۇرئان (شۇنداق ئۇلۇغ كىتابكى، ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقى1) دا ھېچقانداق شەك-شۈبھە يوقتۇر. (قۇرئان) تەقۋادارلار (يەنى پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قېلىش يولىنى تۇتقان، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويۇن ئېگىدىغان مۆمىنلەر2) ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە يول كۆرسەتكۈچى3) ھىدايەتتۇر.

(ئەسلىدە قۇرئان پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئەمما، بەدبەختلەر قۇرئانغا يېتەرلىك رەۋىشتە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يول كۆرسەتكۈچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئارقىلىق، بەدبەختلەرگە قارشى دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ، ئەمما ئۇلار بەدبەختلىكلىرى سەۋەبلىك بۇ ھىدايەتتىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ.4)

(تەقۋالىق — ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىپ قېلىش، دېگەنلىكتۇر. مانا مۇش تەقۋالىق سۈپىتىگە ئىگە تەقۋادار كىشىلەر قۇرئان ئارقىلىق ھىدايەت تاپىدۇ ۋە قۇرئاندىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مەنپەئەتلىنەلەيدۇ5.) [1-، 2- تەپسىر مۇيەسسەر؛ 3-،4-،5- تەپسىر سەئدى]

2|3|الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ

(ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ئېتىقادىغا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئەمەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ1:) تەقۋادارلار غەيىبگە ئىمان ئېيتىدۇ.  (غەيبتىن ھېس-تۇيغۇ ئورگانلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش، ياكى ئۇنى ئەقىل ئارقىلىق بىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، غەيب پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئەۋەتكەن ۋەھىيسى ئارقىلىق بىلىنىدۇ. مەسىلەن، پەرىشتىلەرگە، جەننەتكە، دوزاخقا ۋە ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر قىلغان باشقا جەھەتلەرگە ئىمان ئېيتىش غەيبكە ئىمان ئېيتىش جۈملىسىدىندۇر. ئىمان — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدىرگە ئىشىنىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئىشىنىشىنى ھەم قەلبنىڭ، تىلنىڭ ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەمەللىرى ئارقىلىق تەستىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقۋادارلار غەيبكە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە2) نامازنى (ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بۇيرۇغىنىغا ئوخشاش شەكىلدە، رەسۇلۇللاھ قانداق ئوقۇغان بولسا شۇ بويىچە3) مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ (نامازنىڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىنىشى — ھەم شەكىل جەھەتتە نامازنىڭ رۇكنلىرىغا، ۋاجىپلىرىغا ۋە شەرتلىرىگە رىئايە قىلىش؛ ھەم قەلب جەھەتتە نامازنىڭ روھىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامازنىڭ روھى — ناماز ئوقۇغاندا ئەقىلنىڭ نامازدا بولۇشىدۇر؛ نامازدا قىلىنغان پېئىللارنى ۋە ئوقۇلغان ئايەت، زىكىر، دۇئالارنى تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇكاپات بېرىلىدىغان ناماز مانا بۇدۇر. چۈنكى، بەندە نامازدىن پەقەت ئەقلى نامازدا بولغان مىقدارىچىلىك ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئايەتتىكى ناماز — ھەم پەرز نامازلارنى، ھەم نەپلە نامازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.4) بىز رىزقلاندۇرغان مال-دۇنيالارنىڭ بىر قىسىمىنى (ھەم پەرز بولغان زاكاتنى ئايرىش، ھەم مۇستەھەپ بولغان سەدىقىلەرنى بېرىش ئارقىلىق5 ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ.

(ئايەتتە «بىر قىسىمى» مەنىسىدە كېلىدىغان «من» قوشۇمچىسىنىڭ كەلتۈرۈلۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرىدىن پەقەت ئازغىنە بىر قىسىمىنى سەرپ قىلىشقا ئۈندىگەنلىكىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئاللاھ بەرگەن مال-مۈلۈكنىڭ ئازغىنىسىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ھېچكىمگە زىيانمۇ سالمايدۇ، ئېغىرمۇ كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار سەرپ قىلغان بۇ ئازغىنە پۇل-ماللار ئارقىلىق ھەم ئۆزى <ساۋابقا ئېرىشىش بىلەن> مەنپەئەتلىنىدۇ، ھەم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى مەنپەئەتلىنىدۇ.6]  [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر سەئدى 5-،6- تەپسىر مۇيەسسەر]

2|4|وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ

(ئى پەيغەمبەر!) تەقۋادارلار ھەم ساڭا نازىل قىلىنغانغا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە2) ئىمان ئېيتىدۇ، ھەم سەندىن ئىلگىرى (باشقا پەيغەمبەرلەرگە3)  نازىل قىلىنغانلارغا (يەنى تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان باشقا بارلىق ئىلاھىي كىتابلارغا4) ئىمان ئېيتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئاخىرەت كۈنىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.

مۇفەسسىر، فەقىھ، ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ساڭا نازىل قىلىنغان»دىن مەقسەت قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا (باشقا بىر ئايەتتە) «ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى» (نىسا سۈرىسى 113-ئايەت) دېگەن5. «ئاخىرەت كۈنىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ» — يەنى، ئۆلۈمدىن كېينكى ھاياتقا ۋە ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ھېساپ، جازا ۋە مۇكاپاتلارغا تەسىرى تىللاردا ۋە ئەزالاردا كۆرۈلىدىغان شەكىلدە چىق قەلبىدىن ئىمان ئېيتىدۇ. بۇ ئايەتتە ئالاھىتەن ئاخىرەت كۈنى تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئىبادەت ۋە ئىتائەتلەرنى ئورۇنداشنى، ھاراملاردىن ساقلىنىشقا ۋە ئۆز نەپسىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرۇشقا تەشۋىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر.6 [1-2-3-4. تەپسىر مۇيەسسەر 5.تەپسىر سەئدى 6.تەپسىر مۇيەسسەر]

2|5|أُولَئِكَ عَلَى هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

مانۇ بۇ (خىل گۈزەل خىسلەرلەرگە ئىگە بولغان1) تەقۋادارلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغۇچىلاردۇر، (ئۈمىد قىلغانلىرىغا ئېرىشىش ۋە قورققان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئەمىن بولۇش ئارقىلىق2) مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەرمۇ ئەنە شۇلاردۇر. [1.تەپسىر مۇيەسسەر، تەپسىر سەئدى؛ 2.تەپسىر مۇيەسسەر، تەپسىر سەئدى]
ئاندىنقى بەت  |  كېيىنكى بەت

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ