ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنىسىز ھالەتتە (مەشھەرگاھ مەيدانىغا) توپلىنىدۇ». مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا، بەزىلىرى بەزىلىرىگە قارايدىغۇ؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئى ئائىشە! قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىغۇدەك ھالى بولمايدۇ»، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۆز ھالى بىلەن قېلىپ بىر-بىرىگە قارىيالمايدۇ»، دېيىلگەن. hedisim.com (بۇخارى 6527؛ مۇسلىم 2859؛ رىيازۇس سالىھىن 411) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: وعن عائشة ، قالَتْ: سَمِعْتُ رَسُول الله – ﷺ – يقول: «يُحْشَرُ النّاسُ يَوْمَ القِيامَةِ حُفاةً عُراةً غُرْلًا». قُلْتُ: يا رَسُول الله، الرِّجالُ والنِّساءُ جَمِيعًا يَنْظُرُ بَعضُهُمْ إلى بَعْض؟! قالَ: «يا عائِشَةُ، الأمرُ أشَدُّ مِن أنْ يُهِمَّهُمْ ذلِكَ». وفي رواية: «الأمْرُ أهمُّ مِن أنْ يَنْظُرَ بَعضُهُمْ إلى بَعضٍ». مُتَّفَقٌ عَلَيهِ.