ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى ياراتقاندا، ئەرشنىڭ ئۈستىدىكى ئۆز دەرگاھىدىكى كىتابقا <رەھمىتىم غەزىپىمدىن غالىپ كەلدى> دەپ يازدى. يەنە بىر رىۋايەتتە:«رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئۆتۈپ كەتتى» دېيىلگەن. hedisim.com (بۇخارى 7404؛ مۇسلىم 2751؛ رىيازۇس سالىھىن 419) * بۇ ھەدىس ئەشئەرىي، ماترۇدىي ۋە باشقا ئاللاھنىڭ ئاسماندا، ئەرش ئۈستىدىلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان بارچە ئازغۇن پىرقىگە قارشى دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەردىن بىرىدۇر.
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: وعن أبي هريرة – – قالَ: قالَ رَسُول الله – ﷺ: «لَمّا خَلَقَ الله الخَلْقَ كَتَبَ في كِتابٍ، فَهُوَ عِنْدَهُ فَوقَ العَرْشِ: إنّ رَحْمَتِي تَغْلِبُ غَضَبي». وفي رواية: «غَلَبَتْ غَضَبي» وفي رواية: «سَبَقَتْ غَضَبي». مُتَّفَقٌ عَلَيهِ.