ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۈر چالغۇچى پەرىتشتە سۈرنى ئېغزىغا قويۇپ، سۈرنى چېلىشقا (ئاللاھ تەرىپىدىن) بۇيرۇق كەلگەن ھامان سۈرنى چېلىش ئۈچۈن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تۇرغان تۇرسا، مەن قانداقمۇ شاد-خۇرام ھايات كەچۈرىمەن؟» دېۋىدى، بۇ سۆز ساھابىلەرگە ئېغىر كەلگەندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «حَسْبُنا الله ونِعْمَ الوَكِيلُ»«ھەسبۇنەللاھى ۋە نىئمەل ۋەكىل (مەنىسى: ئاللاھ بىزگە يېتەر، ئۇ نېمىدېگەن كۈزەل ۋەكىلدۇر) دەڭلار» دېدى. hedisim.com (تىرمىزى 2431، ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 409) وعن أبي سعيد الخدري – – قالَ: قالَ رَسُول الله – ﷺ: «كَيْفَ أنْعَمُ! وصاحِبُ القَرْنِ قَدِ التَقَمَ القَرْنَ، واسْتَمَعَ الإذْنَ مَتى يُؤمَرُ بالنَّفْخِ فَيَنْفُخُ»، فَكَأنّ ذلِكَ ثَقُلَ عَلى أصْحابِ رسولِ الله – ﷺ – فَقالَ لَهُمْ: «قُولُوا: حَسْبُنا الله ونِعْمَ الوَكِيلُ». رواه الترمذي، (١) وقالَ: «حديث حسنٌ».