ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا)) «بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى مەلۇم قىلىدۇ»-«سۈرە زەلزەلە 4- ئايەت» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. ئاندىن: «زېمىننىڭ خەۋەرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېدى. ساھابىلەر: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «زېمىن ھەر بىر ئەر ۋە ھەر بىر بەندىنىڭ زېمىندا نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ‹سەن پالان-پالانى كۈنلەردە مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىڭ›، دەيدۇ، مانا بۇ زېمىننىڭ خەۋەرلىرىدۇر»، دېدى. hedisim.com (تىرمىزى 2431؛ رىيازۇس سالىھىن 409؛ نەسائى: سۇنەن كۇبرا 11693)
٤٠٨ – وعن أبي هريرة – – قالَ: قرأ رَسُول الله – ﷺ: ﴿يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أخْبارَها﴾ [الزلزلة ٤] ثُمَّ قالَ: «أتَدْرونَ ما أخْبارها»؟ قالوا: الله ورَسُولُهُ أعْلَمُ. قالَ: «فإنّ أخْبارَها أنْ تَشْهَدَ عَلى كُلّ عَبْدٍ أوْ أمَةٍ بما عَمِلَ عَلى ظَهْرِها، تَقُولُ: عَمِلْتَ كَذا وكَذا في يَومِ كَذا وكَذا، فَهذِهِ أخْبارُها». رواه الترمذي، (١) وقالَ: «حديث حسن صحيح». أخرجه: الترمذي (٢٤٢٩)، والنسائي في «الكبرى» (١١٦٩٣) وقال الترمذي عنه: «حديث حسن غريب صحيح» على أنّ سند الحديث ضعيف.