ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((كَانَ آخِرُ كَلاَمِ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم » الصَّلاَةَ الصَّلاَةَ اتَّقُوا اللَّهَ فِيمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ «.)) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (ساھابىلىرىگە ئېيتقان) ئەڭ ئاخىرقى سۆزى «ناماز (غا ئەھمىيەت بېرىڭلار)، ناماز (غا ئەھمىيەت بېرىڭلار)؛ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا قاراشلىق ئادەم ياكى ھايۋان قاتارلىقلاردا* (يەنى ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەلەپ قىلغان رەۋىشتە ئادا قىلىش جەھەتتە) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېيىش بولغان ئىدى. hedisim.com (بۇخارى-ئەلبانى: سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد 158؛ مۇسنەد ئەھمەد 585؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 5137؛سەھىھ جامىئۇس سەغىر 4616) * مەناۋى: فيض القدير شرح الجامع الصغير