ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((يَضْحَكُ اللهُ سُبْحانَهُ وتَعالى إلى رَجُلَيْنِ يَقْتلُ أحَدهُما الآخَرَ يَدْخُلانِ الجَنَّةَ، يُقاتِلُ هَذا في سَبيلِ اللهِ فَيُقْتَلُ، ثُمَّ يتُوبُ اللهُ عَلى القاتلِ فَيُسْلِم فَيُسْتَشْهَدُ)) «ئاللاھ تائالا بىرى باشقا بىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئۆلتۈرۈلگۈچى ۋە ئۆلتۈرگۈچىدىن ئىبارەت ھەر ئىككىسى جەننەتكە كىرگەن ئىككى ئادەمگە كۈلىدۇ. ئۇلاردىن بىرى ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىۋاتقىنىدا يەنە بىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. كېيىن، ئاللاھ ئۆز يولىدا ئۇرۇشقۇچى مۆمىننى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تەۋبىگە نېسىپ قىلىدۇ، ئاندىن قاتىل مۇسۇلمان بولىدۇ، (ئاقىۋەتتە ئۇمۇ) شەھىد بولىدۇ (ۋە جەننەتكە كىرىدۇ.)» hedisim.com (بۇخارى 2826؛ مۇسلىم 1890؛ رىيازۇس سالىھىن 24)
- ئاللاھ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كۈلىدۇ. مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدۇ. قۇرئان ۋە ھەدىس ئاللاھنى قانداق سۈپەتلەنگەن بولسا، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىنىشىنى ئۆز رايى بويىچە بۇرمىلىماستىن، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىنىشى مەخلۇقاتقا ئوخشاتماستىن، ئاللاھنى قۇرئان ياكى ھەدىستە\سۈننەتتە سۈپەتلەنگىنىنىڭ ئوخشىشى بويىچە سۈپەتلەيمىز. بارچە ئەھلى سۈننەت ئالىمى مۇشۇنىڭدا ئىتتىپاققا كەلگەن. ئاللاھنىڭ قۇرئان ياكى سۈننەتتە كەلگەن سۈپەتلىنىشىنى بۇرمىلاپ سۈپەتلەش — مەسىلەن، قۇرئان ياكى سۈننەتتە «ئاللاھنىڭ قولى» دېيىلسە ئەھلى بىدئەت بۇنى «ئاللاھنىڭ قۇدرىتى» دەپ بۇرمىلاپ، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان، ئۆزىگە يارىشا قولى بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. «ئاللاھنىڭ كېلىشى» دېيىلسە، ئەھلى بىدئەت «ئاللاھقا كېلىش سۈپىتى بەرسەك ئاللاھنى مەخلۇقاتقا ئوخشاتقان بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ بۇ سۈپىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگەن «ئاللاھنىڭ كۈلۈش سۈپىتى» نى ئەھلى بىدئەت ئىنكار قىلىپ، بۇرمىلاپ «ئاللاھنىڭ رازىلىقى» دەپ تولغايدۇ. ئەھلى سۈننەت بولسا، ئۆز پېتى «ئاللاھنىڭ كۈلۈشى» دەپ ئىقرار قىلىدۇ ۋە مەخلۇقاتقا ئوخشاتمايدۇ، قانداقلىقىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ. ئەھلى بىدئەت «ئاللاھنىڭ ئەرشكە ئىستىۋا قىلىشى» نى ئاللاھنىڭ ئەرشنى ئىشغال قىلىشى، ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشى دەپ بۇرمىلايدۇ…. ئەھلى سۈننەت، ئەھلى بىدئەتنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھ قۇرئاندا ياكى ھەدىس قۇدسىدا قانداق سۈپەتلىگەن بولسا، ۋەياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆز تىلىدا ئاللاھنى قانداق سۈپەتلىگەن بولسا، بىز قانداقلىقىنى سۈرۈشتە قىلماستىن، مەخلۇقاتقا ئوخشاتماستىن ئاللاھنىڭ شۇ سۈپىتىنى قۇرئان ھەدىستە قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق قوبۇل قىلىمىز. ئەھلى سۈننەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرى جەھەتتىكى ئېتىقادى مانا بۇدۇر. بۇ جەھەتتە بۇنىڭدىن باشقىسى باتىل، بىدئەت، ئازغۇن ئەقىدىلەردۇر. — فۇرقان دەۋەت مەركىزى