سەھىھ ھەدىس | يۈز كىشىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ تەۋبىسى

سەئد ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بولغان. ئۇ: ‹زېمىن ئەھلىدىن ئەڭ ئالىم كىشى كىم؟›، دەپ سورىغان. كىشىلەر ئۇنى بىر راھىبنىڭ ئالدىغا باشلاپ قويغان. ئۇ راھىبتىن: ‹مەن توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، تەۋبە قىلسام ماڭا تەۋبە قوبۇل بولامدۇ؟›، دەپ سورىسا، ئۇ راھىب: ‹ياق›، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ سانىنى يۈزگە يەتكۈزۈپ، ئاندىن: ‹زېمىن ئەھلى ئىچىدە ئالىمراق كىشى كىم؟›، دەپ سورىغان. كىشىلەر ئۇنى بىر ئالىم كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ قويغان. ئۇ: ‹مەن يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، تەۋبە قىلسام قوبۇل بولامدۇ؟›، دېگەن. ئالىم: ‹تەۋبەڭنىڭ قوبۇل بولۇشىنى كىم توسۇپ قالالايدۇ، سەن پالانى جايغا بارغىن، ئۇ جايدا كىشىلەر ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىدۇ، سەنمۇ شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمىگىن، بۇ يەر يامان جايدۇر›، دېگەن. ئۇ كىشى شۇ جايغا قاراپ ماڭغان، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۆلۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۈستىدە رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قالغان. رەھمەت پەرىشتىلىرى: ‹ئۇ تەۋبە قىلىپ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلەنگەن ھالدا كەلدى›، دېگەن. ئازاب پەرىشتىلرى: ‹ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلمىغان›، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر پەرىشتە ئادەمزات سۈرىتىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەن. پەرىشتىلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلغان. ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا: ‹سىلەر ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەڭلار، ئۇ قايسى جايغا يېقىن بولسا، شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن›، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلچەپ، ئۇ كىشىنىڭ بارماقچى بولغان جايىغا (يەنى، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار جايغا) يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالغان». (بۇخارى 3470؛ مۇسلىم 2766؛ رىيازۇس سالىھىن 20)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى كىشىلەرنىڭ جايىغا بىر غېرىچ يېقىن بولغانىدى، شۇڭا ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولغان»، دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا زېمىنغا ۋەھىي قىلىپ، يامان جايدىن يىراقلاشقىن، ياخشى جايغا يېقىنلاشقىن، دەپتۇ. كېيىن پەرىشتىلەرگە ئىككى جاينىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلار، دەپتۇ. ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى جايغا بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمگە مەغفىرەت قىلىنىپتۇ»، دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئۆزىنىڭ كۆكرىكى بىلەن سۈرۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ تەرەپكە يېقىنلاشقان»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

وعن أبي سَعيد سَعْدِ بنِ مالكِ بنِ سِنانٍ الخدريِّ – : أنّ نَبِيَّ الله – ﷺ – قالَ: «كانَ فِيمَن كانَ قَبْلَكمْ رَجُلٌ قَتَلَ تِسْعَةً وتِسْعينَ نَفْسًا، فَسَألَ عَنْ أعْلَمِ أهْلِ الأرضِ، فَدُلَّ عَلى راهِبٍ، فَأتاهُ. فقال: إنّهُ قَتَلَ تِسعَةً وتِسْعِينَ نَفْسًا فَهَلْ لَهُ مِن تَوبَةٍ؟ فقالَ: لا، فَقَتَلهُ فَكَمَّلَ بهِ مئَةً، ثُمَّ سَألَ عَنْ أعْلَمِ أهْلِ الأرضِ، فَدُلَّ عَلى رَجُلٍ عالِمٍ. فقالَ: إنَّهُ قَتَلَ مِائَةَ نَفْسٍ فَهَلْ لَهُ مِن تَوْبَةٍ؟ فقالَ: نَعَمْ، ومَن يَحُولُ بَيْنَهُ وبَيْنَ التَّوْبَةِ؟ انْطَلِقْ إلى أرضِ كَذا وكَذا فإنَّ بِها أُناسًا يَعْبُدُونَ الله تَعالى فاعْبُدِ الله مَعَهُمْ، ولاَ تَرْجِعْ إلى أرْضِكَ فَإنَّها أرضُ سُوءٍ، فانْطَلَقَ حَتّى إذا نَصَفَ الطَّرِيقَ أتاهُ المَوْتُ، فاخْتَصَمَتْ فِيهِ مَلائِكَةُ الرَّحْمَةِ ومَلائِكَةُ العَذابِ. فَقالتْ مَلائِكَةُ الرَّحْمَةِ: جاءَ تائِبًا، مُقْبِلًا بِقَلبِهِ إلى اللهِ تَعالى، وقالتْ مَلائِكَةُ العَذابِ: إنّهُ لمْ يَعْمَلْ خَيرًا قَطُّ، فَأتاهُمْ مَلَكٌ في صورَةِ آدَمِيٍّ فَجَعَلُوهُ بَيْنَهُمْ – أيْ حَكَمًا – فقالَ: قِيسُوا ما بينَ الأرضَينِ فَإلى أيّتهما كانَ أدنى فَهُوَ لَهُ. فَقاسُوا فَوَجَدُوهُ أدْنى إلى الأرْضِ التي أرادَ، فَقَبَضَتْهُ مَلائِكَةُ الرَّحمةِ». مُتَّفَقٌ عليه.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ