مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلسا، ئۇنى ھىجرىتىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى تاپىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907؛ رىيازۇس سالىھىن 1)