ھەدىس | ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىر ھەممىسى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىلىدۇ، كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرىلىدۇ

وعن أم المؤمنين أم عبد الله عائشة رضي الله عنها قالت: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «يغزو جيش الكعبة فإذا كانوا ببيداء من الأرض يخسف بأولهم وآخرهم». قالت: قلت: يارسول الله، كيف يخسف بأولهم وآخرهم وفيهم أسواقهم ومن ليس منهم!؟ قال: «يخسف بأولهم وآخرهم، ثم يبعثون على نياتهم» ((متفق عليه. هذا لفظ البخاري)).

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «بىر قوشۇن كەبىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇلار بەيدا دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئۇ يەردىكى ھەممەيلەن باشتىن ئاياق يەرگە يۇتقۇزىۋېتىلىدۇ» دېگەن ئىدى، مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! قانداقسىگە ئۇلار باشتىن ئاياق ھەممىسى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە بازارلىق ئۈچۈن چىققانلار، قوشۇنغا تەۋە بولمىغان بولسىمۇ يولدا قوشۇنغا ئارىلىشىپ قالغانلار بار تۇرسا؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىر ھەممىسى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىلىدۇ، كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرىلىدۇ» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 2118؛ مۇسلىم 2884؛ رىيازۇس سالىھىن 2)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ