سەھىھ ھەدىس | كىشى قىيامەت كۈنى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ

زىررە ئىبن ھۇبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن سەفۋان ئىبن ئەسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىككى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش توغرىسىدا سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەنىدىم. ئۇ: «ئى زىررە، نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟»، دېدى. مەن: «ئىلىم تەلەپ قىلىپ كەلدىم»، دېدىم. ئۇ: «پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تەلەپ قىلغان نەرسىسىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ»، دېدى. (ھەمدەم بولۇپ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، دېگەن مەنىدە. — ت) مەن ئۇنىڭغا: «ھەقىقەتەن چوڭ ۋە كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش ئىشى توغرۇلۇق كۆڭلۈمدە چىگىش بولۇپ قالدى. سەن بولساڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى، شۇڭا سەندىن سورىغىلى كەلدىم، سەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە ئاڭلىدىڭمۇ؟»، دېدىم. ئۇ: «ھەئە، سەپەر ئۈستىدە بولساق ياكى مۇساپىر بولساق، جۇنۇپ بولۇپ قالمىساقلا چوڭ-كىچىك تەرەتلەردىن ۋە ئۇيقۇدىن كېيىن ئۈچ كېچە-كۈندۈزگىچە ئۆتۈكىمىزنى سالماي مەسىھ قىلساقمۇ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم»، دېدى.

 مەن ئۇنىڭغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىنى ياخشى كۆرۈش توغرىسىدا بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟»، دېدىم. ئۇ: «ھەئە، بىر سەپەردە بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. شۇ چاغدا بىر ئەئرابى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ‹ئى مۇھەممەد!›، دەپ چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ‹ھە، نېمە گەپ؟›، دېدى. مەن ئۇ ئەئرابىغا: ‹ۋاي ساڭا، پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا تۇرۇۋاتىسەن›، دېدىم. ئۇ: ‹ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئاۋازىمنى پەسلىتەلمەيمەن›، دېدى. ئاندىن: ‹بىر كىشى بىر جامائەنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇ جامائەنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ›، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كىشى قىيامەت كۈنى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ›، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەئرابى كېلىشتىن بۇرۇن دەۋاتقان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەڭلىكى غەربتىن باشلاپ ماڭسا، ئۇلاغ بىلەن قىرىق يىل ياكى يەتمىش يىل ماڭىدىغان بىر دەرۋازىنى سۆزلەپ بەردى»، دەپ جاۋاب بەردى. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ بىرى سۇفيان مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىشىك شام تەرەپتە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىنلارنى ياراتقان كۈنىلا كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇ دەرۋازىنى ئوچۇق ياراتقان. ئۇ دەرۋازا تاكى كۈن غەربتىن چىققۇچە تاقالمايدۇ».  hedisim.com  (تىرمىزى 3535؛ ئىمام ئەھمەد 4\239؛ رىيازۇس سالىھىن 19)

ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: ١٩ – وعن زِرِّ بن حُبَيْشٍ، قالَ: أتَيْتُ صَفْوانَ بْنَ عَسّالٍ –  – أسْألُهُ عَن المَسْحِ عَلى الخُفَّيْنِ، فَقالَ: ما جاءَ بكَ يا زِرُّ؟ فقُلْتُ: ابتِغاء العِلْمِ، فقالَ: إنّ المَلائكَةَ تَضَعُ أجْنِحَتَها لطالبِ العِلْمِ رِضىً بِما يطْلُبُ. فقلتُ: إنّهُ قَدْ حَكَّ في صَدْري المَسْحُ عَلى الخُفَّينِ بَعْدَ الغائِطِ والبَولِ، وكُنْتَ امْرَءًا مِن أصْحابِ النَّبيِّ – ﷺ – فَجئتُ أسْألُكَ هَلْ سَمِعْتَهُ يَذكُرُ في ذلِكَ شَيئًا؟ قالَ: نَعَمْ، كانَ يَأْمُرُنا إذا كُنّا سَفرًا – أوْ مُسافِرينَ – أنْ لا نَنْزعَ خِفافَنا ثَلاثَةَ أيّامٍ ولَيالِيهنَّ إلاَّ مِن جَنابَةٍ، لكنْ مِن غائطٍ وبَولٍ ونَوْمٍ. فقُلْتُ: هَلْ سَمِعْتَهُ -[١٦]- يَذْكرُ في الهَوى شَيئًا؟ قالَ: نَعَمْ، كُنّا مَعَ رسولِ اللهِ – ﷺ – في سَفَرٍ، فبَيْنا نَحْنُ عِندَهُ إذْ ناداه أعرابيٌّ بصَوْتٍ لَهُ جَهْوَرِيٍّ (١): يا مُحَمَّدُ، فأجابهُ رسولُ الله – ﷺ – نَحْوًا مِن صَوْتِه: «هاؤُمْ (٢)» فقُلْتُ لَهُ: ويْحَكَ (٣)! اغْضُضْ مِن صَوتِكَ فَإنَّكَ عِنْدَ النَّبي – ﷺ – وقَدْ نُهِيتَ عَنْ هذا! فقالَ: والله لاَ أغْضُضُ. قالَ الأعرابيُّ: المَرْءُ يُحِبُّ القَوْمَ ولَمّا يلْحَقْ بِهِمْ؟ قالَ النَّبيُّ – ﷺ: «المَرْءُ مَعَ مَن أحَبَّ يَومَ القِيامَةِ». فَما زالَ يُحَدِّثُنا حَتّى ذَكَرَ بابًا مِنَ المَغْرِبِ مَسيرَةُ عَرْضِهِ أوْ يَسِيرُ الرّاكبُ في عَرْضِهِ أرْبَعينَ أوْ سَبعينَ عامًا – قالَ سُفْيانُ أحدُ الرُّواةِ: قِبَلَ الشّامِ – خَلَقَهُ الله تَعالى يَوْمَ خَلَقَ السَّماواتِ والأرْضَ مَفْتوحًا للتَّوْبَةِ لا يُغْلَقُ حَتّى تَطْلُعَ الشَّمْسُ مِنهُ. رواه الترمذي وغيره، (٤) وقالَ: «حديث حسن صحيح».

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ