سەھىھ ھەدىس | ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى

مەئىن ئىبنى يەزىد ئىبنى ئەخنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم ـــ ئۇ ئۆزى، دادىسى ۋە بوۋىسى ئۈچىلىسى ساھابىلەردىن ئىدى ـــ دىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دادام يەزىد ئۆز نامىدا سەدىقە قىلىپ قويۇشى مەقسىتىدە مەلۇم مىقداردىكى ئالتۇننى مەسجىدتىكى بىر كىشىگە بېرىپ قويغان ئىكەن. كېيىن مەن مەسجىدكە كېلىپ ئالتۇنلارنى ئۇنىڭدىن ئالدىم، ئاندىن دادامنىڭ يېنىغا باردىم. (بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان) دادام: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، (ئۇنى) ساڭا بېرىلىشى ئۈچۈن قويۇپ قويمىغا ئىدىم» دېدى ۋە ئالتۇنلارنى بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئاقىۋەتتە دادامنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە شىكايەت قىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ «ئى يەزىد! ساڭا قىلغان (نىيىتىڭ ئۈچۈن) ساۋاب بار. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 1422؛ رىيازۇس سالىھىن 5)

وعن أبي يَزيدَ مَعْنِ بنِ يَزيدَ بنِ الأخنسِ  ، وهو وأبوه وَجَدُّه صحابيُّون ، قَالَ : كَانَ أبي يَزيدُ أخْرَجَ دَنَانِيرَ يَتَصَدَّقُ بِهَا ، فَوَضعَهَا عِنْدَ رَجُلٍ في الْمَسْجِدِ ، فَجِئْتُ فأَخذْتُها فَأَتَيْتُهُ بِهَا . فقالَ : واللهِ ، مَا إيَّاكَ أرَدْتُ ، فَخَاصَمْتُهُ إِلى رسولِ اللهِ  ، فقَالَ : (( لكَ مَا نَوَيْتَ يَا يزيدُ ، ولَكَ ما أخَذْتَ يَا مَعْنُ )) رواهُ البخاريُّ .

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ