Post Views:
21
ئىمام ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى
قوشۇمچە ماۋزۇلار:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى مۇنداق ئوقۇيتتى
ناماز ئوقۇش قائىدىسى
ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ
ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىمەن
نامازنى توغرا ئوقۇش قائىدىسى
نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش قائىدىسى
ئاپتورى: مۇھەددىس شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى ھىجرىيە 1420-يىلى، مىلادىيە 1999-يىلى)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
ھىجرىيە 1437-يىلى (مىلادىيە 2016-يىلى) تەرجىمە قىلىندى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بارلىق ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
نامازنى رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش ئوقۇش مۇنداق بولىدۇ:
بىرىنچى: قىبلىگە يۈزلىنىش
[1] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – پەرز نامازدىمۇ، نەپلە نامازدىمۇ ئوخشاشلا – قىبلىگە ئالدىنى قىلىدۇ. قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر. قىبلىگە يۈزلەنمەستىن ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ.
[2] قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغۇچى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇشتىكى كىشىدىن نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش (شەرتى) ساقىت بولىدۇ.
* كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈشكە ئىمكانى يوق كېسەل ۋەياكى كېمە، ماشىنا، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدە سەپەر قىلىۋاتقان كىشى ناماز ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن كەئبىگە يۈزلىنىش ساقىت بولىدۇ.
* ئۇلاغلىق ھالدا ياكى باشقا (قاتناش ۋاسىتىسى) قاتارلىقلار بىلەن سەپەر قىلغان كىشى نەپلە نامازلارنى ۋە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇسا ئۇلاردىن كەئبىگە يۈزلىنىش ساقىت بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) نامازغا كىرىش تەكبىرى ئېيتىدىغاندا مۇمكىن بولسا كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈپ شۇنداق دېيىشى مۇستەھەبتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن قاتناش ۋاسىتىسى قايسى يۆنىلىشكە ماڭغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ يۆنىلىشكە قاراپ (نەپلە ۋە ۋىتىر نامازلىرىنى) داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
[3] كەئبىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ كەئبىنىڭ دەل ئۆزىگە يۈز كەلتۈرۈشى پەرز. ئەمما، كەئبىنى كۆرەلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن كەئبىنىڭ يۆنىلىشىگە يۈز كەلتۈرۈشى پەرز.
كەئبىدىن باشقا تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى:
[4] (قۇياشنىڭ ئورنىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان) بۇلۇت ياكى (قاراڭغۇلۇق دېگەندەك) باشقا سەۋەب تۈپەيلى قىبلىنىڭ يۆنىلىشىنى تېپىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قىبلىدىن باشقا تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇپ قالغان بولسا، نامىزى دورۇس بولىدۇ، قايتا ئوقۇش كېرەك ئەمەس.
[5] كىشى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئىشەنچىلىك بىرى كېلىپ ئۇنىڭغا قىبلە يۆنىلىشىنى ئەسكەرتسە، ناماز ئوقۇغۇچى دەرھال قىبلىگە يۈزلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ بۇ نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنجى: قىيامدا تۇرۇش
[6] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر.
بىراق، قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغان ياكى شىددەتلىك ئۇرۇشتىكى كىشىنىڭ ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇس. ئۆرە تۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كېسەل ئولتۇرالىسا نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئولتۇرۇشتىن ئاجىز كەلسە نامىزىنى يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. نەپلە ناماز ئوقۇغان كىشى خالىسا نەپلە نامازلىرىنى (ئايروپىلان، پويىز، ماشىنا، كېمە دېگەندەك) قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە ياكى (ئۆي ياكى مەسجىد دېگەندەك ئورۇنلاردا) ئولتۇرغان ھالدا ئوقۇسا دۇرۇس. بۇنداق كىشى رۇكۇ ۋە سەجدىدە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. ئوخشاشلا، كېسەل كىشىمۇ رۇكۇ ۋە ۋەجدىدە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. بىراق، (ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا) سەجدىدە (رۇكۇغا قارىغاندا) بېشىنى بەكراق ئېگىدۇ.
[7] ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ سەجدە قىلىدىغان يەرگە ئېگىز بىر نەرسىنى قويۇۋېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. ھالبۇكى بۇ كىشى – يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك – سەجدىدە بېشىنى (رۇكۇدىكىگە قارىغاندا) بەكراق ئېگىدۇ.
كېمە ۋە ئايروپىلاندا قانداق ناماز ئوقۇلىدۇ؟
[8] كېمىدە پەرز ناماز ئوقۇش دۇرۇس. شۇنداقلا، ئايروپىلاندىمۇ پەرز ناماز ئوقۇش دۇرۇس.
[9] كېمە ۋە ئايروپىلاندا پەرز ناماز ئوقۇغان كىشى (سۇغا چۈشۈپ كېتىشتىن) ياكى يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقسا، نامىزىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.
[10] بەك قېرىپ كەتكەن ياكى بەدىنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن كىشى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىنىدا بىرەر تايانچقا ياكى ھاسا دېگەندەك نەرسىلەرگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇس.
قىيام بىلەن ئولتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈرش
[11] كېچىلىك نامازنى (تەھەججۇد نامىزىنى) سەۋەبسىز ھالدا ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا بولىدۇ. نامازنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆرە تۇرۇپ، بىر قىسىمىنى ئولتۇرۇپ قىلىش دۇرۇس. بۇنداق كىشى نامىزىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە قىرائەت قىلىدۇ. رۇكۇغا بېرىشتىن (ئاز مەزگىل) ئاۋۋال ئورنىدىن تۇرىدۇ، قالغان ئايەتلەرنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ئاندىن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىدۇ. ئىككىنجى رەكئەتنىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ھالەتتە ئوقۇيدۇ.
[12] ئولتۇرۇق ناماز ئوقۇغان كىشى نامىزىنى باداشقان (چازا) قۇرغان ھالەتتە ئوقۇيدۇ، ۋەياكى قانداق ھالەتتە ئولتۇرسا راھەتلىنەلەيدىغان بولسا شۇ ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.
ئاياق كىيىپ ناماز ئوقۇش:
[13] ئاياقسىز ھالەتتە ناماز ئوقۇشىغا بولغىنىدەك، (ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن) ئاياق كىيگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ.
[14] بەزىدە ئاياقسىز ھالەتتە، بەزىدە ئاياق كىيگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇشتا- قايسى ئوڭ كەلسە شۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇش تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. (يەنى ئاياقنى كەيمەي ناماز ئوقۇش قولاي بولسا ئاياقنى كەيمەي ئوقۇش ئەۋزەل، ئاياقنى كىيىپ ئوقۇش قولاي بولسا، كىيىپ ئوقۇش ئەۋزەل.) (ناماز ئوقۇغاندا) زورمۇ زور ئاياق كىيىۋېلىشقا، شۇنداقلا (پۇتىدا ئايىقى بولسا، سېلىۋەتمەسلىكتە تېخىمۇ ئاسانچىلىق بولسىمۇ) زورمۇ سېلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
[15] ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئايىقىنى سالغاندا، ئايىقىنى ئوڭ تەرىپىگە قويۇشقا بولمايدۇ. سول تەرىپىدە ناماز ئوقۇيدىغان باشقا بىرى بولمىسا، ئايىقىنى سول يېنىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ بۇيرۇققا ئاساسەن، ئەگەر سول يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى بولسا، ئايىقىنى پۇتلىرىنىڭ ئارىسىغا قويىدۇ.
بۇ يەردە زىل بىر مەسىلىدە توختالماقچىمەن. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئايىقىنى ئالدىغا قويۇۋېلىشىغا بولمايدۇ. بۇ كۆپچىلىك نامازخان سەل قارايدىغان ئەدەپتۇر. بەزى كىشىلەرنىڭ ئايىقىغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرىسىز.
مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇش
[16] ئىمامنىڭ كىشىلەرگە نامازنى ئۆگىتىش مەقسىدىدە مۇنبەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر جايدا ناماز ئوقۇشى دۇرۇس. (بۇنى مەقسەد قىلىپ نامازغا تۇرغان ئىمام) مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە (قىبلىگە يۈزلىنىپ) تۇرۇپ (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئوقۇپ (قوللىرىنى كۆتۈرۈپ) نامازغا كىرىدۇ، قۇرئان قىرائەت قىلىدۇ، رۇكۇ قىلىدۇ. ئاندىن، سەجدە قىلىش ئۈچۈن (قىبلىگە ئالدىنى قىلغان ھالەتتە) كەينىچىلەپ مۇنبەردىن چۈشۈپ، يەرگە سەجدە قىلىدۇ. ئاندىن، ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىپ نامىزىنى باشتىكى رەكئەتتىكىگە ئوخشاش داۋاملاشتۇرىدۇ.
سۈترىگە يۈزلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇش پەرز.
(سۈترە: كامىدا قىرىق ئەللىك سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى – ياكى – تۈۋرۈك، تام تېگەندەك جىسىم)
[17] نامازنى سۈترىگە يۈزلىنىپ ئوقۇش پەرز. ناماز ئوقۇلغان يەرنىڭ مەسجىد ياكى باشقا يەر بولسۇن، چوڭ ياكى كىچىك ئورۇن بولسۇن ئوخشاشلا نامازنى سۈترىگە يۈزلىنىپ ئوقۇش پەرز.
چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئالدىڭغا) سۈترە قويماستىن ناماز ئوقۇما. ناماز ئوقۇۋاتقىنىڭدا ھېچكىمنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈشىگە يول قويما. ئالدىڭدىن چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ‹ئەلقارىن› دېگەن شەيتان بىللە.» « لاَ تُصَلِّ إِلاَّ إِلىَ سُتْرَةٍ، وَلاَ تَدَعْ أَحَدًا يَمُرُّ بَيْنَ يَدَيْكَ، فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلْهُ، فَإِنَّ مَعَهُ الْقَرِينَ.»[رواه ابن خزيمة بسنة جيد][ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ياخشى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.]
[18] نامازدا سۈترىگە يېقىن تۇرۇش پەرز. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى.
[19] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇپ سەجدە قىلىدىغان ئورۇن بىلەن ئالدىدىكى تامنىڭ ئارىسىدا بىر قوي ئۆتەلىگۈدەكلا ئارىلىق بولاتتى. مۇشۇنداق قىلغان كىشى، سۈترىگە تەلەپ شەرىئەت قىلىنغاندىكىدەك يېقىن تۇرغان ھېسابلىنىدۇ.
شۇنى دېيىشىم كېرەك: سۈرىيە ۋەياكى باشقا ئۆلكىلەردە مەسجىدلەردە ناماز قىلغان كىشىلەر مەسجىدنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىۋېلىپ تامدىن ياكى (تۈۋرۈك، سۈترە) دېگەندەك توسۇقلاردىن يىراق ھالەتتە ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىدىن خەۋەرسىز قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سۈترىنىڭ ئېگىزلىكى:
[20] سۈترە (كامىدا) يەردىن بىر ياكى ئىككى غېرىچ ئېگىزلكتە بولۇشى لازىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھەر كىم ئالدىغا (تۆگە) ئىگىرىنىڭ ئارقىسىچىلىك ئېگىزلىكتىكى بىر نەرسە قويۇپ ناماز ئوقۇسۇن.»« إِذَا وَضَعَ أَحَدُكُمْ بَيْنَ يَدَيْهِ مِثْلَ مُؤْخِرَةِ الرَّحْلِ فَلْيُصَلِّ، وَلا يُبَالِ مَنْ مَرَّ وَرَاءَ ذَلِكَ.»(مسلم)
بۇ ھەدىس سۈترە ئۈچۈن يەرگە سىزىق سىزىشنىڭ سۈترىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈترە ئۈچۈن يەرگە سىزىق سىزىش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر زەئىپتۇر.
[21] سۈترىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل يۈزلىنىدۇ. چۈنكى، سۈترىگە يۈزلىنىپ ناماز قىلىش بۇيرۇقى ئوچۇق بۇيرۇقتۇر. سۈترىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يۈزلىنىشتىن قېچىپ، سۈترىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىگە يۈزلىنىپ تۇرۇۋېلىشقا كەلسەك – بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن ئەمەس.
[22] يەرگە قادالغان تاياق دېگەندەك نەرسىگە، دەرەخكە، تۈۋرۈككە، تۆشىكى ئۈستىدە ياتقان ياكى ئۈستىگە يوتقان يېپىنىۋالغان ئايالىغا، ۋە ياكى تۆگە دېگەندەك ئۇلىغىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس.
قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش ھارام
[23] قەبرىلەرگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. مەيلى ئۇ قەبرە پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىسى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ قەبرىسى بولسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس.
ھەرەم مەسجىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش ھارام
[24] ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا سۈترە بولسا، (سۈترە بىلەن) ئۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈش دۇرۇس ئەمەس. بۇ جەھەتتە ھەرەم مەسجىدى بىلەن باشقا مەسجىدلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پەرق يوق. ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھەممىسىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش.
چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشى ئۆزىگە يۈكلىنىدىغان (گۇناھ) نى بىلسە ئىدى، قىرىق (يىل) ساقلايدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتمىگەن بولاتتى.»« لَوْ يَعْلَمُ الْـمـَارُّ بَيْنَ يَدَيِ الْـمـُصَلِّي مَاذَا عَلَيْهِ، لَكَانَ أَنْ يَقِفَ أَرْبَعِينَ خَيْرًا لَهُ مِنْ أَنْ يَمُرَّ بَيْنَ يَدَيْهِ.»(ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاۋاپ قىلىنىدىغان مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە كىشىلەر ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇرغان ھالەتتە ئالدىغا سۈترە قويماستىن ناماز ئوقۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسكە كەلسەك، رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇ زات سەجدە قىلىدىغان جاينىڭ ئارىسىدىن ھېچكىم ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھەدىسنى (ھەرەمدە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ سەجدىگاھىنىڭ ئىچىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە) دەلىل قىلىش توغرا ئەمەس.
ھەرەم مەسجىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىگە توسالغۇ بولۇش پەرز
[25] ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى ئۆزى بىلەن سۈترىسىنىڭ (ياكى سەجدىگاھىنىڭ) ئارىسىدىن ھېچكىمنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقى لازىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئالدىڭغا سۈترە قويماستىن ناماز ئوقۇما. ناماز ئوقۇۋاتقىنىڭدا ھېچكىمنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈشىگە يول قويما. ئالدىڭدىن ئۆتۈشتە چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن شەيتان بىللە.» « لاَ تُصَلِّ إِلاَّ إِلىَ سُتْرَةٍ، وَلاَ تَدَعْ أَحَدًا يَمُرُّ بَيْنَ يَدَيْكَ، فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلْهُ، فَإِنَّ مَعَهُ الْقَرِينَ.»[رواه ابن خزيمة بسنة جيد][ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ياخشى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئالدىغا كىشىلەرگە نىسبەتەن سۈترە بولغۇدەك نەرسىنى قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقا بىرى ئالدىڭلاردىن ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ مەيدىسىن كەينىگە ئىتتىرسۇن. ئەگەر ئۆتۈش ئۈچۈن چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن. چۈنكى، ئۇ شەيتاندۇر.» «إِذَا صَلَّى أَحَدُكُمْ إِلَى شَيْءٍ يَسْتُرُهُ مِنْ النَّاسِ، فَأَرَادَ أَحَدٌ أَنْ يَجْتَازَ بَيْنَ يَدَيْهِ، فَلْيَدْفَعْهُ فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلْهُ، فَإِنَّمـَا هُوَ شَيْطَانٌ.»[ رواه البخاري ومسلم]
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «بىرىڭلار ئالدىغا كىشىلەرگە نىسبەتەن سۈترە بولغۇدەك نەرسىنى قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقا بىرى ئالدىڭلاردىن ئۆتمەكچى بولسا، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتسۇن. ئۆتۈشتە چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن. چۈنكى، ئۇ شەيتاندۇر.» «إِذَا كَانَ أَحَدكُمْ يُصَلِّي فَلَا يَدَع أَحَدًا يَمُرّ بَيْن يَدَيْهِ , وَلْيَدْرَأ مَا اِسْتَطَاعَ، فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلهُ ; فَإِنَّمَا هُوَ شَيْطَان.»[ رواه ابن خزيمة]
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن:«بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئالدىدىن بىر نەرسە ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى توسسۇن. يەنە ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى يەنە توسسۇن. يەنە ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن. چۈنكى، ئۇ شەيتاندۇر.» «إِذَا مَرَّ بَيْنَ يَدَيْ أَحَدِكُمْ شَيْءٌ وَهُوَ يُصَلِّي فَلْيَمْنَعْهُ، فَإِنْ أَبَى فَلْيَمْنَعْهُ، فَإِنْ أَبَى فَليُقَاتِلْهُ، فَإِنَّمَا هُوَ شَيْطَانٌ.»[ رواه البخاري]
ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغاننى (ئادەم ياكى ھايۋاننى) توسۇش ئۈچۈن ئالدىغا مېڭىش
[26] ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ – ھايۋان ياكى كىچىك بالا قاتارلىق – دىنىي ئەمەللەرگە تەكلىپ قىلىنمايدىغانلار ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولسا ئۇنى توسۇش ئۈچۈن بىر ياكى بىر قانچە قەدەم ئالدىغا مېڭىشى دۇرۇس.
نامازنى بۇزىدىغان ئىش
[27] ناماز ئوقۇغاندا ئالدىغا سۈترە قويۇشنىڭ ئەھمىيەتلىرىدىن بىرى: سۈترە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن باشقىلارنىڭ ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ. نامازنى سۈترىگە قاراپ ئوقۇمىغان كىشىنىڭ (باشقىلار ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولۇش) ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. سۈترىسىز ناماز ئوقۇغان بۇنداق كىشىنىڭ نامىزى بويىغا يەتكەن ئايال كىشىنىڭ، ئېشەكنىڭ ياكى قارا ئىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشى سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى: نىيەت قىلىش
[28] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئۆزى ئوقۇماقچى بولغان نامازغا نىيەت قىلىشى، ئوقۇماقچى بولغان نامىزى دىلىدا ئېنىق بولۇشى شەرت. مەسىلەن: پېشىن ياكى ئەسرى نامىزىنىڭ (ۋەياكى باشقا نامازنىڭ) پەرىزىنى ياكى سۈننىتىنى ئوقۇماقچى بولغان كىشى شۇ نامازغا (دىلىدا) نىيەت قىلىشى كېرەك. نىيەت نامازنىڭ بىر شەرتى ياكى رۇكۇنىدۇر. نىيەتنى تىلدا ئېيتىش سۈننەتكە زىت بىدئەتتۇر. ئىماملارغا تەقلىد قىلغان (مەزھەپ ئالىملىرى) دىن ھېچكىم نىيەتنى تىلىدا ئېيتىشنى تەرغىپ قىلمىغان.
تۆتىنجى: تەكبىر
[29] ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامىزىنى باشلايدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ناماز باشلاش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت، (ھەر قانداق دۇنياۋىي گەپ سۆز، ئىش ھەرىكەتنى) ھارام قىلىدىغان ئىش (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) تەكبىر ئېيتىش (ئارقىلىق نامازغا كىرىشتۇر)، ئاخىرلىشىشى تەسلىم (يەنى ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش) دۇر.» «مِفْتَاحُ الصَّلَاةِ الطُّهُورُ، وَتَحْرِيمُهَا التَّكْبِيرُ، وَتَحْلِيلُهَا التَّسْلِيمُ.»[ رواه أبو داود والترمذي]
[30] نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى تەكبىرنى ئېيتقاندا ئاۋازىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئەمما، ئىمام نامازدىكى تەكبىرلەرنى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئېيتىدۇ.
[31] ئىمامنىڭ كېسەل ياكى ئاۋازىنىڭ قىسىق بولۇشى، ياكى جامائەت سانىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك – ھاجەت تۇغۇلسا –ئىمامنىڭ تەكبىرىنى مۇئەززىن جامائەتكە يەتكۈزۈپ بەرسە دۇرۇس.
[32] ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان كىشى ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ.
تەكبىر ئېيتقاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ۋە بۇنىڭ شەكلى
[33] ناماز ئوقۇغان كىشى (نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا) تەكبىر ئېيتسا، قوللىرىنى تەكبىر بىلەن كۆتۈرۈشىمۇ، ياكى تەكبىردىن ئاۋۋال كۆتۈرۈشىمۇ، ۋەياكى تەكبىردىن كېيىن كۆتۈرۈشىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس بولۇپ، بۇ ئۈچىلى خىل ئەھۋال سۈننەتتە مەۋجۇت.
[34] تەكبىر ئېيتىپ قوللارنى كۆتۈرگەندە (بارماقلار ئارىسىنى جۈپلىۋالماستىن) بارماقلارنىڭ ئارىلىقى ئوچۇق ھالەتتە كۆتۈرىدۇ.
[35] قوللارنى مۈرىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. بەزىدە قوللىرىنىڭ ئۇچىنى قۇلاق يۇمشىقىنىڭ باراۋىرىدە ئېگىزرەك كۆتۈرىدۇ.
شۇنداق دەيمەنكى: باش بارماقنى قۇلاق يۇمىشىقىغا تەگكۈزۈشنىڭ سۈننەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق. بۇ ماڭا كۆرە (شەيتاندىن كەلگەن) ۋەسۋەسىنىڭ سەۋەبلىرىدىن.
ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن ئىككى قولنىڭ ھالىتى
[36] تەكبىردىن كېيىنلا ئوڭ قول سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ (قول باغلاپ تۇرىدۇ). بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ نامازدىكى ھالىتىدۇر، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلىرىگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان. نامازدا ئىككى قولنى ئىككى يانغان ساڭگىلىتىپ تۇرۇش دۇرۇس ئەمەس.
[37] ئوڭ قولنىڭ ئالىقىنى سول قولنىڭ دۈمبىسىگە، بېشىغا ۋە سول بېلەككە تېگىشىپ تۇرىدۇ.
[38] بەزىدە سول قول ئوڭ قول (نىڭ بارماقلىرى) بىلەن قاماللاپ تۇتىلىدۇ. قولنى قاماللاپ تۇرۇش بىلەن قويۇپ تۇرۇش (يەنى بىر نەچچە بارماق سول بىلەكنى قاماللايدۇ، ئوتتۇرىدىكى بىر نەچچە بارماقلار بىلەك ئۈستىگە قويۇلۇپ تۇرىدۇ) نىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر قىسىم كېيىنكى زاماندىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ كۆز قارىشىنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق.
[39] قوللار پەقەتلا كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ. بۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا ئوخشاش. دەيمەنكى: قوللارنىڭ كۆكرەكتىن باشقا يەرگە (يەنى كىندىك ئاستىغا ياكى كىندىك ئۈستىگە) قويۇلۇش توغرىسىدىكى كۆز قاراش يا (زەئىپ ھەدىسكە) ئاساسلانغان كۆز قاراشتۇر ياكى دىندا ئاساسى يوق كۆز قاراشتۇر.
[40] ئوڭ قولىنى بېلىگە قويۇپ تۇرۇش دۇرۇس ئەمەس.
نامازدىكى خۇشۇئ ۋە سەجدىگاھقا قاراپ تۇرۇش
[41] ناماز خۇشۇئ بىلەن ئوقۇلۇشى، ئۇنىڭ خۇشۇئىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان – نەقىش ۋە بېزەك قاتارلىق – ھەر قانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. تاماق تەييار بولغاندا ياكى چوڭ كىچىك تەرىتى قىستاپ تۇرغان ھالەتتە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.
[42] نامازدا قىيامدا ئۆرە تۇرغاندا سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇرىدۇ.
[43] ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئوڭ سولغا قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، نامازدا ئوڭ سولغا قاراش شەيتاننىڭ بەندىنىڭ نامىزىنى ئۇغۇرلاپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.
[44] نامازدا ئاسمانغا قاراش دۇرۇس ئەمەس.
ئىستىفتاھ دۇئاسى (قىرائەتتىن ئاۋۋالقى نامازنى باشلاش دۇئاسى)
[45] ئاندىن بەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقۇغان بەزى دۇئالارنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن دۇئالار بار بولۇپ، بۇ دۇئالارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى مۇنۇ دۇئادۇر: «سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، وَتَبَارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلاَ إِلَهَ غَيْرُكَ.» «سۇبھانەكە ئاللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە، ۋەتەبارەكەسمۇكە، ۋەتەئالا جەددۇكە، ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك»[ رواه أهل السنن وصححه الألباني في صحيح الترمذي وصحيح أبي داود] نامازدا بۇ دۇئا بىلەن باشلاش توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇيرۇق كەلگەنلىكى ئۈچۈن، نامازنى بۇ دۇئا بىلەن باشلاش كېرەك. [قىرائەتتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان باشقا دۇئالارنى كۆرمەكچى بولغان كىشى ئەلبانىنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى» ناملىق كىتابىغا ۋە باشقا كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسۇن.]
قۇرئان قىرائەت قىلىش
[46] ئاندىن «أعوذ بالله من الشيطان الرجيم بسم الله الرحمن الرحيم» (ئەئۇۋزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم) دەپ شەيتاندىن پاناھ تىلەيدۇ. بۇنى دېيىش پەرز بولۇپ، بۇنى دېمىگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
[47] بەزى چاغدا «أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ، مِنْ هَمْزِهِ، وَنَفْخِهِ، وَنَفْثِهِ »(رواه الترمذي أبو داود وابن ماجه وأحمد) دېيىش سۈننەت.
[48] بەزىدە مۇنداق دەيدۇ:« أَعُوذُ بِاللهِ السَّمِيعِ الْعَلِيمِ، مِنْ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ، مِنْ هَمْزِهِ، وَنَفْخِهِ، وَنَفْثِهِ.»( رواه الترمذي أبو داود وابن ماجه وأحمد)
[49] ئاندىن، مەيلى سۈرە فاتىھە ئاشكارا قىرائەت قىلىنىدىغان مەيلى يوشۇرۇن قىرائەت قىلىنىدىغان نامازنىڭ ھەر قاندىقىدا «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ » دەيدۇ.
سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش
[50] ئاندىن سۈرە فاتىھەنى «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ » بىلەن قوشۇپ ئوقۇيدۇ. نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش پەرز. سۈرە فاتىھە ئوقۇلمىسا، ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. ئەرەب بولمىغانلار بۇ سۈرىسىنى يادلىشى لازىم.
[51] سۈرە فاتىھەنى يادلىيالمىغان كىشى، نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا مۇنداق دېيىشى يېتەرلىك:« سُبْحاَنَ اللهِ، وَالْـحَمْدُ ِللهِ، وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ، وَاللهُ أَكْبَرُ، وَ لاَحَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللهِ.»
[52] سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغاندا ئايەتمۇ ئايەت ئوقۇيدۇ. ھەر ئايەتتىن كېيىن توختايدۇ. مەسىلەن:
{بسم الله الرحمن الرحيم} دەپ توختايدۇ، ئاندىن:
{الحمد لله رب العالمين} دەپ توختايدۇ، ئاندىن:
{الرحمن الرحيم} دەپ توختايدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ خىل شەكىلدە ئوقۇيدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەر قانداق قىرائىتى مۇشۇنداق ئىدى ۋە ئايەتنىڭ ئاخىرىدا توختايتتى. ئايەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە مۇناسىۋىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بىر ئايەتنىڭ ئاخىرىسىنى باشقا ئايەتنىڭ بېشى بىلەن قوشۇپ ئوقۇمايتتى.
[53] سۈرە فاتىھەدىكى «مالكِ» دەپ ئوقۇسىمۇ، «مَلِكِ» دەپ ئوقۇسىمۇ دۇرۇس.
ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشى
[54] ئىمام سۈرە فاتىھەنى مەيلى ئاشكارا ئوقۇسۇن ياكى مەخپىي ئوقۇسۇن، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشاشلا سۈرە فاتىھەنى (مەخپىي) ئوقۇشى پەرز. ئىمام سۈرە فاتىھەنىڭ تۈگەتكەندىن كېيىن قىسقا مۇددەت تۇرغان مۇددەتتە – گەرچە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن بىر مۇددەت تۇرۇۋېلىشنىڭ سۈننەت ئورنى يوقلۇقىنى بىلسەكمۇ- ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى يەنىلا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشى كېرەك.
سۈرە فاتىھەدىن كېيىنكى قىرائەت
[55] تۆت رەكئەتلىك پەرزنىڭ نامازنىڭ دەسلەپكى ئىككى رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا بىر سۈرە ياكى بىر قانچە ئايەت ئوقۇش – جىنازا نامىزىدىمۇ ئوخشاش – سۈننەت.
[56] سەپەر، يۆتەل، كېسەللىك ياكى كىچىك بالىنىڭ يىغلاپ كېتىشى سەۋەبلىك فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن بەزىدە ئۇزۇن، بەزىدە قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بولىدۇ.
[57] قىرائەت نامازلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بامدات نامىزى باشقا نامازلارغا قارىغاندا قىرائىتى ئەڭ ئۇزۇ بولغان نامازدۇر. (قىرائەتنىڭ ئۇزۇنلىقى نۇقتىسىدىن بامدات نامىزىدىن كېيىن) پېشىن نامىزى (نىڭ قىرائىتى ئۇزۇن)، ئۇنىڭدىن قالسا ئەسىر نامىزى، ئۇنىڭدىن قالسا خۇپتەن نامىزىنىڭ قىرائىتىدۇر. باشقىسىغا قارىغاندا شام نامىزىنىڭ قىرائىتى ئەڭ قىسقا بولىدۇ.
[58] كېچە (تەھەججۇد) نامىزىنىڭ قىرائىتى باشقا ھەر قانداق نامازنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.
[59] نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىنى ئىككىنچى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىدىن ئۇزۇنراق ئوقۇش سۈننەت.
[60] تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىنى باشتىكى ئىككى رەكئەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك شەكىلدە قىلىش كېرەك.
نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھە ئوقۇش
[61] نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش پەرز.
[62] تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنىڭ ئاخىرقى ئىككىر رەكئىتىدە بەزىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇش سۈننەت.
[63] ئىمامنىڭ سۈننەتتە بايان قىلىنغىدىن ئۇزۇن قىرائەت قىلىۋېلىشى، دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ياشانغانلارغا، كېسەلگە، بالىسى بار ئايالغا، ياكى ئېھتىياجى بار بىرىگە ئېغىر كېلىدۇ.
[64] بامدات نامىزىنىڭ پەرىزىنىڭ، جۇمەئە نامىزىنىڭ، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ، ئىستىسقا نامىزىنىڭ، كۇسۇف نامىزىنىڭ قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدۇ، شۇنداقلا شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئەتتىكى قىرائىتىمۇ ئاشكارا ئوقۇلىدۇ.
پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنىڭ ھەممە رەكئىتىدىكى قىرائەت، شۇنداقلا شامنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىنىڭ، خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىنىڭ قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدۇ.
[65] قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئىمامنىڭ بەزىدە جامائەتكە ئايەتلەرنى ئاڭلاتقۇدەك دەرىجىدە ئوقۇشى دۇرۇس.
[66] ۋىتىر ۋە كېچىلىك نامازغا (تەھەججۇدقا) كەلسەك، بۇ نامازلاردا قىرائەتنى بەزىدە مەخپىي، بەزىدە ئاشكارا ھالەتتە قىلىشقا بولىدۇ.
قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (ئۆزىنى توختىتىپ ئاستا) ئوقۇش
[67] قۇرئاننى ئالدىراپ، تېز ئوقۇماستىن، تەرتىل بىلەن ئالدىرىماي ئوقۇش سۈننەت. (ئۆزى ۋە باشقىلار) ھەر-بىر ھەرپنى ئېنىق پەرق ئېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىق ئوقۇش كېرەك. شۇنداقلا، قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇش كېرەك. قۇرئاننى ئوقۇغۇچى تەجۋىد ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەجۋىد قائىدىسى بىلەن ئوقۇشى كېرەك. قۇرئاننى ناخشىكەشتەك غىڭشىپ بىدئەت شەكىلدە ئوقۇش ۋە ناخشىچىلارنىڭ مىلودىيىسىدە ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس.
ئىمامغا تۈزىتىش بېرىش
[68] ئىمام قىرائەتتە ئېزىپ كەتسە (شۇنداقلا خاتا ئوقۇسا)، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى ئىمامغا (ئۇ ئېزىپ كەتكەن ئايەتنى توغرا ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق) تۈزىتىش بېرىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن.
ئالتىنجى: رۇكۇ قىلىش
[69] قىرائەتنى تۈگەتكەنتىن كېيىن، نەپەس ئېلىپ چىقارغۇدەك مۇددەت تۇرىۋالىدۇ.
[70] ئاندىن نامازغا كىرىش تەكبىرىدە كۆتۈرگەندىكىدەك ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى ھىم جۈپلىۋالماستىن كۆتۈرۈپ ئالقىنىنى قىبلىگە قارىتىپ، قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە، بەزىدە بارماق ئۇچى قۇلاق يۇمشىقىغا باراۋەر كەلگۈدەك دەرىجىدە كۆتۈرىدۇ.
[71] قوللىرىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ياكى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ياكى كۆتۈرۈگەندىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. تەكبىر ئېيتىش پەرز.
[72] ئاندىن رۇكۇ قىلىدۇ. رۇكۇنى ئاندىن پۈتۈن بۇغۇملىرى جايىغا چۈشكۈدەك دەرىجىدە قىلىدۇ. بۇ پەرزدۇر.
[73] رۇكۇدا قوللىرى بىلەن تىزىنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھالەتتە بارماق ئارىلىقلىرىنى ئېچىپ، تىزىنى قاماللاپ تۇتىدۇ.
[74] رۇكۇدا دۈمبىسىنى ئېگىپ تۈز تۇرىدۇ. تۇرۇش شەكلى دۈمبىسىگە (چىنىدە دېگەندەك ئەسۋابلاردا سۇ قويۇلسا) سۇ تۆكۈلۈپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە تۈز تۇرىدۇ. (گەۋدىسى يەر بىلەن پاراللىل ھالەتتە، توقسان گرادۇس ئېگىلىپ تۇرىدۇ.)
[75] رۇكۇ ھالىتىدە بېشىنى يەرگە ساڭگىلىتىۋېلىشقىمۇ، ياكى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. بېشىنى دۈمبىسى بىلەن بىر تەكشىلىكتە تۇتىدۇ.
[76] جەينەكلىرىنى بېقىنىدىن يىراق تۇتىدۇ.
[77] رۇكۇدا ئۈچ قېتىم ياكى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ « سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ»«سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم» دەيدۇ. (رواه أصحاب السنن وأحمد) (رۇكۇدا كامىدا مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇسا يېتەرلىك بولىدۇ)
رۇكۇدا قىلىنىدىغان بۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇزۇن، بەزىسى ئوتتۇراھال، بەزىسى قىسقىدۇر. (بۇ دۇئالار ئۈچۈن «پەيغەمبەر ئەلەپەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» ناملىق كىتابنىڭ 132-بېتىگە قاراڭ)
نامازنىڭ پەرزلىرىنىڭ مىقدارىنى بىر-بىرىگە تەك كەلگۈدەك شەكىلدە ئورۇنداش
[78] نامازنىڭ پەرىزلىرىنىڭ مىقدارىدىنى ئۇزۇنلۇق مۇددىتى جەھەتتە بىر-بىرىگە تەڭ كەلگۈدەك شەكىلدە ئورۇنداش سۈننەت. شۇ ۋەجىدىن، رۇكۇنى، رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇشنى، سەجدىنى ۋە ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشنى – مىقدار جەھەتتە – بىر-بىرىگە تەڭ كەلگۈدەك شەكىلدە قىلىدۇ.
[79] رۇكۇدا ۋە سەجدىدە قۇرئان ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس.
رۇكۇدىن تۇرۇش
[80] ئاندىن رۇكۇدىن تۇرۇش كېرەك. بۇ پەرزدۇر.
[81] رۇكۇدىن تۇرغاندا «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ»( رواه البخاري) «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) بۇنداق قىلىش پەرز.
[82] ئاۋۋالقىغا ئوخشاش رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرىدۇ.
[83] ئاندىن پۈتۈن ئۇستىخان – بوغۇملىرى ئۆز ئورنىغا چۈشكىدەك قەدەر ئۆرە تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[84] ۋە « رَبَّنَا وَلَكَ الْـحَمْدُ. » «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
بۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» ناملىق ئەسەرگە قاراڭ.
يۇقارقى دۇئانى ئوقۇماق ھەر قانداق ھالەتتە – ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان چاغدىمۇ ئوخشاشلا – پەرز ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى بۇ دۇئا رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوقۇلىدىغان قىيام دۇئاسىدۇر. «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» بولسا رۇكۇدىن تۇرىدىغاندا ئوقۇيدىغان دۇئادۇر.
[85] يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇزۇنلۇق جەھەتتە رۇكۇدىن كېيىنكى تۇرۇش مىقدارى رۇكۇنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ بولىدۇ.
[86] ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش پەرز.
[87] («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقاندا) بەزىدە قوللارنى كۆتۈرىدۇ.(ئەسكەرتىش: رۇكۇدىن تۇرۇپ ئىككى قولنى كۆتۈرۈش مۇتىۋاتىر دەرىجىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، سەجدىگە بېرىشتىن بۇرۇن يەنە قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى كۆپچىلىك ئۆلىمالار يا زەئىپ، يا ئەمەلدىن قالغان دەپ قوللىمايدۇ.)
سەجدىگە بارغاندا قوللارنى ئىككى تىزدىن بۇرۇن يەرگە قويۇش
(دىققەت: بۇ جەھەتتە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان، ئىككى تىزنى ئىككى قولدىن بۇرۇن قويۇش توغرۇلۇقمۇ سەھىھ ھەدىس كەلگەن. شۇڭا، سەجدىگە بارغاندا ئىككى قولىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنىڭ ئىككى تىزىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنى ئەيىپلىشىگە بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىككى تىزىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنىڭ ئىككى قولىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنىمۇ ئەيىپلىشىگە بولمايدۇ.)
[ئىككى تىز ئىككى قولدىن ئاۋۋال سەجدىگە بارىدۇ
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ پەتىۋاسى
سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىز ئىككى قولدىن بۇرۇن يەرگە قويۇلىدۇ. ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدە قىلغاندا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن ئاۋۋال يەرگە قوياتتى.» [سنن الترمذي الصلاة (268) ، سنن النسائي التطبيق (1089) ، سنن أبو داود الصلاة (838) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (882) ، سنن الدارمي الصلاة (1320)] ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن بۇرۇن قويغىنى، سەجدىدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىدىن بۇرۇن كۆتۈرگىنىنى كۆردۈم.»(ئەبۇ داۋۇد 838، نەسائىي 2\207؛ تىرمىزى 268)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدىگە بارسا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن بۇرۇن يەرگە قوياتتى.» (داراقۇتنىي 1\345؛ بەيھەقى 2\99؛ ھاكىم 1\226) ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن، مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئاجىزلىق بايقىمىدىم. (پەتىۋا كومېتىتى 6\435)-تەرجىماندىن]
[88] ئاندىن ئىككى تىزىدىن ئاۋۋال ئىككى قولىنى يەرگە قويغان ھالەتتە سەجدىگە بارىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلاتتى. (ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى بىر تۈركۈم ئۆلىمالار توغرا ئەمەس دەپ قارىغان. ئەمما، ئىككىلى تەرەپ بىر-بىرىنى ئەيىپلەپ ئازغۇنغا، ياكى جاھىلغا چىقارمىغان. شۇڭا، خەلقنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشىمىغۇچىلارنى ئەيىپلەشكە، ياكى نەپرەتلىنىشىگە يول يوق) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدە قىلغاندا تۆگە چۆككەندەك چۆكۈشتىن چەكلىگەن. چۈنكى، تۆگە يەرگە ياتقاندا ئاۋۋال تىزىنى يەرگە قويىدۇ. (ئەسكەرتىش: بۈيۈك سۈننەت پېشىۋالىرىدىن ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن باز ۋە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىقلار ماقالە-پەتىۋالىرىدا ئىككى تىزنى ئىككى قولنى ئاۋۋال يەرگە قويۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنى قوللايدىغان نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ رىسالىمىز رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىدىغان رىسالىمىزنىڭ قىسقىچە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ رىسالىنىڭ تەپسىلىي نۇسخىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان چاغدا، بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز ئىنشائاللاھ. جۈملىدىن، يۇقارقى سۈننەت پېشىۋالىرى «تۆگىنى ئىنسان بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئالدى پۇتى ئىنساننىڭ ئىككى قولى باراۋىرىدە كېلىدۇ، تۆگىنىڭ ياتىدىغاندا باشتا ئىككى تىزىنى يەرگە قويىشى ئىنساننىڭ سەجدىگە بارىدىغاندا ئىككى قولىنى يەرگە قويۇشىغا ئوخشايدۇ دەپ سەھىھ ھەدىستىن ئىككى تىزنى ئاۋۋال يەرگە قويۇشقا دەلىل ئەكەلگەن.)
[89] سەجدىدە ئىككى قولغان تايىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئالىقانلارنى يەرگە قويىدۇ. بۇ پەرز.
[90] قوللارنىڭ بارماقلىرىنى ئېچىۋالماستىن جۈپلەپ تۇرىدۇ.
[91] قوللارنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىتىلىدۇ.
[92] قوللارنى ئىككى مۈرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتىدۇ.
[93] قوللارنى بەزىدە قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتىدۇ.
[94] جەينەكلىرىنى يەرگە چاپلىۋالماي، يەردىن كۆتۈرۈپ تۇتىدۇ. بۇ پەرز. ئىت قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يەرگە چاپلىۋالغاندەك يەرگە چاپلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
[95] بۇرۇن ۋە پېشانە سەجدىگاھقا تېگىشىپ تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[96] ئىككى تىز يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[97] پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاشلا يەرگە چاپلاپ تۇرىدۇ.
[98] پۇتنى تىك تۇتىدۇ. بۇ ۋە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى پەرز.
[99] پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنى قىبلىگە قاراتقان ھالەتتە يەرگە چاپلاپ تۇرىدۇ.
[100] ئىككى ھوشۇقنىڭ ئىچ تەرىپىنى بىر-بىرىگە چاپلاپ تۇتىدۇ.
سەجدىنى كامىل قىلىش
[101] ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ سەجدىنى ماكىم قىلىشى پەرز. سەجدىدە سەجدە قىلغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ھالەتتە تايىنىدۇ. بۇ ئەزالار: پېشانە بىلەن بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە پۇت بارماقلىرىدىن ئىبارەت.
[102] كىمكى مۇشۇ خىل ھالەتتە مۇقىم تۇرۇپ سەجدىنى كامىل قىلسا، سەجدىنى مۇكەممەل قىلغان بولىدۇ. سەجدىنى مۇكەممەل قىلىش پەرزدۇر.
[103] سەجدىدە ئۈچ قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم ئارتۇق «سُبْحَانَ رَبِّىَ الْأَعْلَى» (رواه أحمد وأبو داود وابن ماجه) دەيدۇ.
[104] سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىش مۇستەھەپ (ئەۋزەل). چۈنكى سەجدە دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغان جايىدۇر.
[105] سەجدىنىڭ ئۇزۇنلۇق مىقدارى رۇكۇنىڭ ئۇزۇنلۇق مىقدارىغا يېقىن بولىدۇ.
[106] بىۋاسىتە يەرگە ياكى كىيىم، كىگىز-گىلەم، سېلىنچا ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىش دۇرۇس.
[107] سەجدىدە قۇرئان ئوقۇش چەكلىنىدۇ.
ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇش
[108] سەجدىدىنى بېشىنى كۆتۈرۈپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. بۇنداق دېيىش پەرز.
[109] بەزىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ.
[110] ئاندىن پۈتۈن ئۇستىغان-بوغۇملىرى ئۆز جايىغا چۈشكۈدەك ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.
[111] سول پۇتىنى يەرگە يېيىپ سۇل پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ.
[112] ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ.
[113] ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ.
[114] بەزىدە ھوشۇقىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشىمۇ دۇرۇس.
[115] بۇ خىل ھالەتتە ئولتۇرۇپ «اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِى، وَارْحَمْنِى، وَاجْبُرْنِى، وَارْفَعْنيِ، وَاهْدِنِى، وَارْزُقْنِى، و عَافِنِي، و ارْزُقْنِي» (رواه أبو دود والترمذي وابن ماجه والحاكم) دەيدۇ.
[116] خالىسا مۇنداق دەيدۇ:« رَبِّي اغْفِرْ لِي ، رَبِّي اغْفِرْ لِي»(رواه ابن ماجه وأحمد)
ئەسكەرتىش: ئۆلىمالارنىڭ بىر تۈركۈمى، جۈملىدىن ئەللامە ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، سالىھ ئەلفەۋزان ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالىرى ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا « رَبِّي اغْفِرْ لِي » نى بىر قېتىم دېيىش پەرز دەپ قارايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «نامازنى مېنى كۆرگەندەك ئوقۇڭلار دەپ بۇيرۇغان» (بۇخارى ۋە دارىمىي). نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش پەرز بولۇپ رەسۇلۇللاھ ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا « رَبِّي اغْفِرْ لِي » دەيتتى. بۇ ۋەجىدىن بۇنداق دېيىش پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[117] بۇ ئولتۇرۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەجدىگە يېقىنلاشقۇدەك دەرىجىدە بولىدۇ.
[118] ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككىنجى سەجدىگە بارىدۇ. بۇ پەرز.
[119] بەزىدە بۇ تەكبىر بىلەن بىرلىكتە قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.
[120] ئىككىنجى سەجدىنى قىلىدۇ. بۇمۇ پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[121] ئىككىنجى سەجدىنى بىرىنچى سەجدىگە ئوخشاش قىلىدۇ.
ئىككىنجى سەجدىدىن كېيىنكى (ئارام ئېلىش) ئولتۇرۇش
[122] ئىككىنچى رەكئەتتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرۇشتىن ئاۋۋال ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. بۇ پەرز.
[123] بەزىدە قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.
[124] ئىككىنجى رەكئەتكە قوپۇشتىن ئاۋۋال پۈتۈن ئۇستىخانلىرى جايىغا چۈشكىچە قەدەر سول پۇتى ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ.
ئىككىنجى رەكئەت:
[125] ئاندىن، خېمىر يۇغۇرغان كىشىنىڭ مۇشتىنى تۈگكىنىگە ئوخشاش، تۈگۈلگەن ئىككى مۇشتىغا تايىنىپ ئىككىنجى رەكئەتكە تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[126] ئىككىنجى رەكئەتتە بىرىنجى رەكئەتتە قىلغىنىنىڭ ئەينىنى قىلىدۇ.
[127] بىراق، ئىككىنجى رەكئەتتە (بىرىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان) ئىفتىتاھ دۇئاس ئوقۇلمايدۇ.
[128] ئىككىنجى رەكئەتنى بىرىنجى رەكئەتكە قارىغاندا بىر ئاز قىسقا قىلىدۇ.
بىرىنچى تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرۇش
[129] ئىككىنچى رەكئەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ. تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش پەرز.
[130] تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئىككى سەجدە ئارىسدا ئولتۇرغاندىكىدەك ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ، سول پۇتىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ.
[131] بىراق، بۇ چاغدا ھوشۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس.
[132] ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسى بىلەن ئوڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. ئوڭ قولىنىڭ جەينىكىنى يوتىسىدىن يىراق تۇتۇۋالماستىن، يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
[133] سول قولىنى سول يوتىسى بىلەن سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
[134] قولىغا تايىنىپ، بولۇپمۇ سول قولىغا تايىنىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس.
ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرتىش ۋە مىدىرىتىۋاتقان بارماق قاراش
[135] كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن باشقا بارماقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇمىدۇ، بەزىدە (باشقا قالغان ئىككى بارمىقى يۇمۇقلۇق ھالەتتە) باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىغا قويىدۇ.
[136] بەزىدە باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىنى بىرلەشتۈرۈپ چەمبەر ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ.
[137] ئىشارەت بارمىقى بىلەن قىبلە تەرەپنى كۆرسىتىپ مىدىرلىتىدۇ.
[138] بۇ ھالەتتە باش بارمىقىغا قارايدۇ.
[139] تەشەھھۇدنىڭ باشتىن ئايىقىغىچىلىك ئىشارەت بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ.
[140] سول قولىنىڭ ئىشارەت بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىشقا بولمايدۇ.
[141] يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھەممە تەشەھھۇدتا قىلىدۇ.
تەشەھھۇد دۇئاسى ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىنكى دۇئالار
[142] تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش پەرز. تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنى ئۇنۇتقان كىشى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.
[143] تەشەھھۇد دۇئاسى مەخپىي ئوقۇلىدۇ.
[144] تەشەھھۇد دۇئاسى مۇنداق:« اَلتّحِيّاتُ ِللهِ وَالصّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ. اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ أيُّهَا النّبىُّ وَرَحْمَةُ اللّهِ وَبَركَاتُهُ، اَلسَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلى عِبَادِ اللّهِ الصّالِحِينَ، أَشْهَدُ أنْ لاَ إلَهَ إلاَّ اللهُ، وَأَشْهَدُ أنَّ مُحَمّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.»[ رواه البخاري ومسلم]
[145] تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇنداق دۇرۇت ۋە سالام يوللىنىدۇ:« اَللّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ . اَللّهُمَّ بَارِكْ عَلىَ مُحَمّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلى إِبْرَاهِيمَ وَعلى آلِ إِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ.» [رواه البخاري ومسلم]
[146] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنىدىغان دۇرۇت-سالامنى يۇقارقىدىنمۇ قىسقا قىلماقچى بولسا (يۇقارقىنىڭ ئورنىغا) مۇنداق دەيدۇ:« اَللّهُمَّ صَلِّ عَلى مُحَمّدٍ وَعلى آلِ مُحَمّدٍ و بَارِكْ عَلى مُحَمّدٍ وَعلى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ و بَارَكْتَ عَلى إِبْرَاهِيمَ وَعلى آلِ إِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ.»[ رواه النسائي]
[147] بۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغان دۇئالاردىن خالىغىنىنى ئوقۇسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەر
[148] (ناماز ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك بولسا، بىرىنچى تەشەھھۇدتىن) كېيىن ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تۇرىدۇ. بۇ پەرز. تەكبىرنى ئوتتۇرغان ھالەتتە دېيىش سۈننەتتۇر.
[149] تەكبىر ئېيتقاندا بەزىدە قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.
[150] ئاندىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى رەكئەتلەرگە تۇرماقمۇ نامازنىڭ پەرزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
[151] ئوخشاشلا تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرماقچى بولغاندىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ.
[152] بىراق، تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرۇشتىن ئاۋۋال پۈتۈن ئۇستىخان-بوغۇملىرى جايىغا چۈشىكىدەك قەدەر سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە راۋۇرۇس ئولتۇرىدۇ.
[153] ئاندىن ئىككىنچى رەكئەتتىن تۇرغاندىكىگە ئوخشاش قوللىرى بىلەن يەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۆرە بولىدۇ. (بىر رەكئەتتىن يەنە بىر رەكئەتكە تۇرۇشتا قولغا تايىنىپ تۇرۇش ياكى تايانماي تۇرۇشتا كەڭچىلىك بار. تايانماي تۇرالايدىغانلار تايانمايلا تۇرىدۇ. بەدىنى ئاجىزلاپ قالغان كېسەل ئاغرىق ياكى قېرىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنلەر ئەلۋەتتە قولى بىلەن تايىنىپ تۇرىدۇ.)
[154] ئاندىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە ئوقۇيدۇ. بۇ پەرز.
[155] (ئۈچىنچى ۋە تۆتىنجى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن) بەزىدە بىر ئايەت ياكى بىر ئايەتتىن جىقراق ئايەت ئوقۇيدۇ.
بالا ۋە مۇسىبەت دەۋرىدە ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسى ۋە بۇ دۇئا ئوقۇلىدىغان جاي
[156] مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا ۋە مۇسىبەت سەۋەبلىك بالا قازاغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا دۇئا ئوقۇش سۈننەتتۇر.
[157] (نامازدىكى) قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدىغان جاي رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن «رەببەنا ۋەئەلەك ھەمد» دېگەندىن كېيىن (ئۆرە تۇرغان ھالدا) ئوقۇلىدۇ.
[158] قۇنۇت دۇئاسى ئۈچۈن مۇئەييەن دۇئا يوق. ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالاغا ئۇيغۇن ھالەتتە دۇئا قىلىدۇ.
[159] بۇ دۇئادا ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ.
[160] ئىمام بولسا ئاشكارا دۇئا قىلىدۇ.
[161] ئىمامنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ئىمامنىڭ دۇئاسىغا «ئامىن» دەيدۇ.
[162] ئىمام دۇئاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن (‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ) تەكبىر ئوقۇپ سەجدىگە بارىدۇ.
ۋىتىر نامىزىدىكى قۇنۇت دۇئاسى ۋە ئۇنىڭ شەكلى
[163] ۋىتىر نامىزىدىكى قۇنۇت دۇئاسىغا كەلسەك، بۇ دۇئانى بەزىدە ئوقۇش سۈننەت.
[164] بالا ۋە مۇسىبەت دەۋرىدىكى قۇنۇت دۇئاسىنىڭ ئەكسىچە، ۋىتىر نامىزىدىكى قۇنۇت دۇئاسى رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ئوقۇلىدۇ.
[165] ۋىتىرنىڭ قۇنۇتىدا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ:« اللَّهُمَّ اهْدِنِى فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِى فِيمَنْ عَافيْتَ، وَتَوَلَّنِى فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِى فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِى شَرَّ مَا قَضَيْتَ، فَإِنَّكَ تَقْضِي ولاََ يُقْضَى عَلَيْكَ، وَإنَّهُ َ لاَ يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، و لاَ يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ، تَبَارَكَتْ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ، لاَ مَنْجَى مِنْكَ إِلاَّ إِلَيْكَ»[رواه ابن خزيمة] (مەنىسى: ئى ئاللاھىم! ئۆزۈڭ ھىدايەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا مېنىمۇ ھىدايەت قىلغىن؛ ئۆزۈڭ سالامەتلىك بەرگەنلەرنىڭ ئارىسدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن؛ ئۆزۈڭ دوست تۇتقانلارنىڭ ئارىسىدا مېنىمۇ دوست تۇقىن؛ ماڭا بەرگەنلىرىڭنى بەرىكەتلىك قىلغىن، ھەققىمىدىكى يامانلىقلاردىن مېنى قوغدىغىن؛ چۈنكى، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ھېچكىم سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ؛ جەزمەنكى، سەن دوست تۇتقانلار ئەسلا خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقانلار ئەسلا ئەزىز بولمايدۇ؛ ئى رەببىن، سەن ئۇلۇغ ۋە ئالىيسەن؛ سېنىڭ (ئازابىڭدىن قۇتۇلۇش) پەقەتلا (ساڭا لايىق رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش بىلەن) بولىدۇ. ‹ئىمام ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس›)
[166] بۇ دۇئانى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، ساھابىلەرنىڭ ئوقۇغانلىقىمۇ ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇماق دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. (ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىغا ئائىت مەلۇماتلار مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى)
[167] ئاندىن رۇكۇغا بارىدۇ. باشتا ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدەك ئىككى قېتىم سەجدە قىلىدۇ.
ئاخىرقى تەشەھھۇد ۋە تەۋەررۇك ئۇلتۇرۇش
[168] ئاندىن ئاخىرقى تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرىدۇ.
[169] بىرىنچى تەشەھھۇدتا قانداق قىلغان بولسا، بۇ تەشەھھۇدتىمۇ شۇنى قىلىدۇ.
[170] بىراق، ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا سول پۇتىنى ئوڭ پۇتىنىڭ پاچىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرىدۇ.
[171] ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرىدۇ.
[172] بەزىدە ئوڭ پۇتىنىمۇ يېيىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس.
[173] سول قولىنى سول تىزىنى قاپلىغۇدەك شەكىلدە تىز (ۋە يوتا) ئۈستىگە قويۇپ، شۇ قولىغا تايىنىپ ئولتۇرىدۇ.
[174] ئاخىرقى تەشەھھۇدتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت سالام يوللاش ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[175] (تەشەھھۇد دۇئاسى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت سالام ئوقۇغاندىن كېيىن) تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:« اَللَّهُمَّ إنِّى أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ جَهَنّمَ، وَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَ مِنْ فِتْنَةِ المَحْيَا وَالـْمَمـَاتِ، و مِنْ شَرِّ (فِتْنَةِ) الْـمَسيِحِ الدَّجَّالِ.»[ رواه أبو داود وأحمد]
دۇئادا كەلگەن ھاياتلىق پىتنىسى: ئىنسان ھاياتىدا دۇنياۋىي شەھۋەتلەر بىلەن سىنىلىشىدۇر.
ئۆلۈم پىتنىسى: قەبىر پىتنىسى ۋە ئىككى پەرىشتىن سوراققا تارتىشىدۇر.
مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسى: دەججال كۆرۈلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ھالەتلەر سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ سەۋەبلىك ئېزىپ كېتىدىغان ۋە دەججالنىڭ ئىلاھلىق داۋاسىغا ئىنسانلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىدۇر.
سالامدىن ئىلگىرىكى دۇئا
[176] ئاندىن، ئۆزى ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتىكى دۇئالار بەك كۆپ. ئەگەر بۇ ھەقتە قۇرئان سۈننەتتىكى دۇئالاردىن ھېچنېمىنى بىلمىسە، ئۆزىگە ئاسان توختايدىغان شەكىلدە ھەم دىنىغا، ھەم دۇنياسىغا پايدىلىق دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىدۇ.
سالام ۋە سالام بېرىش شەكىللىرى
[177] ئاندىن ئوڭ مەڭزىنىڭ ئاقلىقى ئارقىسىدىن (قارىغانلارغا) كۆرۈنگۈدەك شەكىلدە ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىدۇ.
[178] ئانندىن سول مەڭزىنىڭ ئاقلىقى ئارقىسىدىن (قارىغانلارغا) كۆرۈنگۈدەك شەكىلدە سول تەرەپكە سالام بېرىدۇ.
[179] ئىمام سالام بەرگەندە ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ.
[180] سالامنىڭ نەچچىلىگەن شەكلى بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى خىل شەكلى:
ئوڭ تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
سول تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
ئىككىنجى خىل شەكلى:
ئوڭ تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
سول تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
ئۈچىنجى خىل شەكلى:
ئوڭ تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
سول تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
تۆتىنجى خىل شەكلى:
بېشىنى ئوڭ تەرەپكە ئازغىنە بۇراپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىش. (يەنى: ئوڭ تەرىپىگىلا سالام بېرىش.)
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم!
مانا بۇ مېنىڭ قۇلۇمدىن كېلىشىچە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» دىن ئەڭ ئىخچاملاپ، سەن بەئەينى رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك شەكىلدە ئۆگەنەلەيدىغان قىلىپ تەييارلىغان بىلىملەردۇر. نامازنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساڭا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۇ زاتقا ئوخشاش ئوقۇساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نامىزىڭنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدلىكمەن. چۈنكى، سەن نامازنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك ئوقۇش ئارقىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ { صَلـوُّا كَمـَا رَأَيْـتمُوُنيِ أُصَـلِّي}«نامازنى مېنىڭ ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك (ماڭا ئوخشاش) ئوقۇڭلار» (بۇخارى) دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان بولىسەن.
بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ نامازغا قەلبىڭ بىلەن ھازىر بولۇشۇڭ ۋە نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇشۇڭ كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتىكى ئەڭ بۈيۈك غايىسى نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇشىدۇر. ساڭا ئېيتىلىۋاتقان خۇشۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆرنەك ئېلىشىڭغا باغلىق. نامازدا خۇشۇئنى قانچىلىك دەرىجىدە ھاسىل قىلساڭ، ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتتە ئېيتىلغان نەتىجىنى شۇنچىلىك دەرىجىدە قولغا كەلتۈرگەن بولىسەن:
{ إن الصلاة تنهى عن الفحشاء والمنكر}«شۈبىھسىكى ناماز، ئىنساننى ھەر تۈرلۈك ھاياسىزلىقتىن ۋە يامانلىقتىن توسىدۇ.»[ سورة العنكبوت من الآية: ٤٥]
ئاخىرقى سۆز: ئاللاھ تائالانىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى، نە مال، نەل بالا-چاقا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىغان قىيامەت كۈنىدە نامازلىرىمىزنىڭ ساۋابىنى بىز ئۈچۈن ساقلىشىنى تىلەيمىز.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:{ لا ينفع مالٌ ولا بنونٌ إلا من أتى الله بقلب سليم}« ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھ نىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن (مۇناپىقلىق ۋە پاسىقلىقتىن) يىراق ھال بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»[ سورة الشعراء الآية: ٨٨]
(يۇقارقى رىسالىنى بۈيۈك ھەدىس ئالىمى مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئۆزى يازغان «تەكبىردىن سالامغىچە –بەئەينى سەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك- رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى» ناملىق كىتابىدىن ئۆزى ئىخچاملاشتۇردى. ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن.)
ئاپتورى: مۇھەددىس شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى ھىجرىيە 1420-يىلى، مىلادىيە 1999-يىلى)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ