رامزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ «ئى مۇئمىنلەر! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزا سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى» (بەقەرە سۈرىسى 183-ئايەت) ئايىتىنى ئوقۇغىنىمىزدا روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكىمەتنىڭ تەقۋالىق قىلىش ۋە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. تەقۋا ـــ ھاراملارنى تەرك ئېتشتۇر؛ تەقۋا ئەمر قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشنى ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «يالغان سۆزنى، يالغان سۆز بويىچە ئەمەل قىلىشنى ۋە جاھالەتنى تەرك قىلمىغان كىشىنىڭ يەپ-ئىچىشنى تەرك قىلىىغا ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق.» (بۇخارى-روزا كىتابى، 1903) بۇ سەۋەبلىك روزىدارنىڭ پەرزلەرنى ئادا قىلىشى، ھارام سۆز ۋە ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك. روزىدار غەيۋەت قىلماسلىقى، يالغان سۆزلىمەسلىكى، گەپ توشۇماسلىقى، ھارام يول بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلماسلىقى ۋە پۈتكۈل ھارام ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك. ئىنسان تولۇق بىر ئاي مۇشۇنداق قىلسا، يىلنىڭ قالغان قىسىمىدا ئۆزىنى بۇنداق يامانلىقلاردىن تىزگىنلىيەلەيدۇ.
ئەپسۇسكى، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى بىلەن روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق ھالەت مەۋجۇت بولماقتا. ئۇلار كۆنىگىنى بويىچە روزىدار ھالەتتىمۇ پەرزلەرنى تەرك ئېتىپ، ھارام ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئۈستىدىكى روزىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىشتىن غاپىل قالماقتا. بۇنداق ئىشلار روزىنى بىكار قىلىۋەتمىسىمۇ، روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. بەزى ھاللاردا، تارازىدا بۇ يامان ئىشلارنىڭ يامانلىق دەرىجىسى روزىنىڭ ئەجرىدىن ئېغىر كېلىپ، روزىنىڭ ساۋابىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام»، 392-نومۇرلۇق پەتىۋا، 393-بەت)